بۇغۇلۇلمەرامدىن ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى
[1] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دېڭىز توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:«دېڭىز سۈيى پاكتۇر، ئۆلۈكلىرى ھالالدۇر.» (بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام ۋە ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ لەۋزى ئىبنى ئەبى شەيبەنىڭ. ئىبنى خۇزەيمە ۋە تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام مالىك، ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان؛ ئەبۇ داۋۇد 83؛ نەسائى 59؛ تىرمىزى 69؛ ئىبنى ماجە 386؛ مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 1392؛ ئىبنى خۇزەيمە 111؛ بۇلۇغۇلمەرام 1)
وعَنْ أبِي سَعِيدٍ الخُدْرِيِّ – – قالَ: قالَ رَسُولُ اللَّهِ – ﷺ -: «إنَّ الماءَ طَهُورٌ لا يُنَجِّسُهُ شَيْءٌ» أخْرَجَهُ الثَّلاثَةُ، وصَحَّحَهُ أحْمَدُ.
[ 2] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن سۇ پاكتۇر. ئۇنى ھېچنەرسە نىجىس قىلالمايدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئۈچ ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەھمەد سەھىھ دېگەن)
[3] ئەبۇ ئۇمامە ئەل باخىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۇنىڭ پۇرىقىنى، تەمىنى ياكى رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە، ھېچقانداق نەرسە سۇنى نىجىس قىلالمايدۇ.» (ئىبنى ماجە توپلىغان؛ ئەبۇ ھاتىم بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن.)
بەيھەقىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«سۇغا چۈشكەن نىجاسەت سۇنىڭ پۇرىقىنى، تەمىنى ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە سۇ پاكتۇر.»
[4] ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىككى قۇللە مىقداردىكى سۇ نىجىسلىكنى كۆتۈرمەيدۇ.» باشقا بىر رىۋايەتتە «نىجىس بولمايدۇ» دەپ كەلگەن. (بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىبنى خۇزەيمە، ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[5] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھېچكىم جۇنۇب ھالەتتە تۇرغۇن سۇدا غۇسل قىلمىسۇن.» (بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان)
بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە «سىلەردىن ھېچكىم ئاقمايدىغان تۇرغۇن سۇغا سىيىپ، ئاندىن ئۇنىڭ غۇسل قىلمىسۇن» دەپ كەلگەن.
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە «ئۇ سۇدا» دەپ كەلگەن.
ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە «جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئۇ سۇدا غۇسل قىلمىسۇن» دەپ كەلگەن.
[6] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىدىن ئاشقان سۇ بىلەن يۇيۇنۇشىنى ۋە ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىدىن ئاشقان سۇ بىلەن يۇيۇنۇشىنى چەكلىدى. ھەر-بىرى سۇنى سۇنى پەقەت ئۆزى ئوچۇملاپ ئالسۇن.» (بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ بولۇپ، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي توپلىغان)
[7] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەيمۇنە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) دىن ئاشقان سۇدا يۇيۇندى.» بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. سۇنەن مۇئەللىپلىرى مۇنداق نەقىل قىلغان:
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خانىملىرىدىن بىرى چوڭ بىر چىلەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇندى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چېلەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنۇش ئۈچۈن كەلگىنىدە، ئايالى ‹مەن جۇنۇب ئىدىم› دېدى. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹سۇ جۇنۇب بولمايدۇ› دېدى.» تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن.
[8] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىت بىرىڭلارنىڭ چىنە-قاچىسىنى يالاپ قويسا، ئۇ چىنە-قاچا ئەڭ ئاۋۋالىدا تۇپراقتا سۈرتۈلۈش بىلەن يەتتە قېتىم يۇيۇلۇش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ.» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە «ئىچىدىكىلەرنى تۆكسۇن» دەپ كەلگەن. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە «باشتىكى ياكى ئاخىرقى پاكىزلىنىشى تۇپراقتا بولۇش بىلەن» دەپ كەلگەن.