ھەدىس: ھالاك قىلغۇچى يەتتە گۇناھ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھالاك قىلغۇچى يەتتە خىل گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېدى. ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلار قايسى گۇناھلاردۇر؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«(ئۇلار) ئاللاھقا شېرىك قوشۇش، سېھىرگەرلىك (داخانلىق، باخشىملىق، ئىسسىتقۇ-سويۇتقۇ) قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ھەقسىز ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش؛ ئىپپەتلىك، مۆمىنە ئاياللارغا زىنا بىلەن بۆھتان چاپلاش.»(بۇخارى 2560؛ مۇسلىم 129)(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سېھىر (داخانلىق، باخشىملىق) قىلغۇچىنىڭ جازاسى قىلىچ بىلەن بوينىغا ئۇرۇشتۇر.»(تىرمىزى 353))(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش پەقەت مۇنۇ ئۈچ خىل ھالدىلا دۇرۇس بولىدۇ: ئۆيلەنگەن تۇرۇپ زىنا قىلىش، جانغا قارشى جان، ۋە دىنىنى تەرك قىلىپ (مۇسۇلمان) جامائىتىدىن ئايرىلىپ (مۇرتەد بولۇش).» (بۇخارى 6370، مۇسلىم 3175)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ