ئىمام نەۋەۋى | ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇلىدىغان مەخسۇس دۇئا بارمۇ؟

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىلىشىڭىز كېرەككى، تاللانغان قاراشتا، ۋىتىر نامىزىدا ئايرىم ئوقۇلىدىغان دۇئا بېكىتىلمىگەن، بەلكى قايسى دۇئانى ئوقۇسا مەقسەت ھاسىل بولىدۇ،. قۇرئان كەرىمدىن دۇئانىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئەڭ ئەۋزىلى ھەدىستە كۆرسىتىلگەن دۇئالارنى ئوقۇش كېرەك. [ئەزكار ئەننەۋەۋىي 50-بەت].

پەتىۋانىڭ ئەرەپچە تېكىستى:

 قال النووي رحمه الله : واعلم أن القنوت لا يتعين فيه دعاء على المذهب المختار ، فأي دعاء دعا به حصل القنوت ولو قنت بآية ، أو آيات من القرآن العزيز وهي مشتملة على الدعاء حصل القنوت ، ولكن الأفضل ما جاءت به السنة ..

الأذكار النووية ص 50

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ