ۋىتىر نامىزىدا قىرائەت ۋە ئۇنى بىر رەكئەت قىلىش
ھەدىس خەزىنىسى تورى تەييارلىدى
سەئىد ئىبنى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبزا دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: كانَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ يَقْرَأُ فِي الوِتْرِ بِسَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الأعْلى، وقُلْ يا أيُّها الكافِرُونَ، وقُلْ هُوَ اللَّهُ أحَدٌ «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋىتىر نامىزىدا سۈرە ئەئلا، سۈرە كافىرۇن ۋە سۈرە ئىخلاسنى قىرائەت قىلاتتى.» (نەسائى 1431؛ تەبرانى-ئەلئەۋسەت 1686؛ مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 36467؛ فەتھۇلبارى 2\94 )
ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: أنَّ النَّبِيَّ ﷺ كانَ يُوتِرُ بِسَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الأعْلى، وقُلْ يا أيُّها الكافِرُونَ، وقُلْ هُوَ اللَّهُ أحَدٌ «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋىتىر نامىزىدا سۈرە ئەئلا، سۈرە كافىرۇن ۋە سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇيتتى.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 36468؛ )
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: أنَّ النَّبِيَّ ﷺ كانَ يُوتِرُ بِثَلاثٍ يَقْرَأُ فِيهِنَّ بِسَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الأعْلى، وقُلْ يا أيُّها الكافِرُونَ، وقُلْ هُوَ اللَّهُ أحَدٌ «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋىتىر نامىزىنى ئۈچ رەكئەت ئوقۇيتتى، سۈرە سۈرە ئەئلا، سۈرە كافىرۇن ۋە سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇيتتى.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 36469؛ سەھىھ سۈنەن نەسائى 1510؛ سۇنەن تىرمىزى 1\288؛ سەھىھ ھەدىس)
ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: أنَّ النَّبِيَّ ﷺ كانَ يُوتِرُ بِثَلاثٍ يَقْرَأُ فِيهِنَّ بِسَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الأعْلى، وقُلْ يا أيُّها الكافِرُونَ، وقُلْ هُوَ اللَّهُ أحَدٌ «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۈرە ئەئلانى ئوقۇپ ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇدى.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 36469؛ مسند أبي حنيفة رواية أبي نعيم 110 )
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: صَلاةُ اللَّيْلِ مَثْنَى مَثْنَى فَإِذَا خَشِيَ أَحَدُكُمْ الصُّبْحَ صَلَّى رَكْعَةً وَاحِدَةً تُوتِرُ لَهُ مَا قَدْ صَلَّى «كېچىنىڭ نامىزى ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. سىلەردىن بىرىڭلار تاڭ ئېتىپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، (ۋىتىر) نامىزىنى بىر رەكئەت ئوقۇش بىلەن، (كېچىدە) ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ رەكئەت سانىنى تاق قىلسۇن.» (بۇخارى 911؛ مۇسلىم 749)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: أنه كان يفصل بين شفعه ووتره بتسليمة رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى رەكئەت (كېچىلىك) ناماز بىلەن ئۈچىنچى رەكئەتنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەن ئايرىيتتى. (سەھىھ ئىبنى ھىببان 2435؛ ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارى 2\482 دا سەھىھ دېگەن)