سۈرە مۇھەممەد، 7-ئايەتنىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تَنصُرُوا اللَّـهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ ﴾ (47:7)
﴿ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقاياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ. قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ﴾ (سۈرە مۇھەممەد، 7-ئايەت)
تەپسىرۇل مۇيەسسەر تەپسىرى:
ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن شەرىئەت بويىچە ئەمەل قىلىدىغانلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ دۈشمىنىڭلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە جەڭ مەيدانىدا قەدەملىرىڭىلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.
تەپسىرنىڭ ئەرەبچە تېكىستى: يا أيها الذين صدَّقوا الله ورسوله وعملوا بشرعه، إن تنصروا دين الله بالجهاد في سبيله، والحكم بكتابه، وامتثال أوامره، واجتناب نواهيه، ينصركم الله على أعدائكم، ويثبت أقدامكم عند القتال hedisim.com