ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: من رد عن عِرض أخيه، رد الله عن وجهه النار يوم القيامة «كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى قوغدىسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ يۈزىنى دوزاخ ئوتىدىن قوغدايدۇ.» (تىرمىزى 1931؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا سەھىھ دېگەن) hedisim.com
- بۇ ھەدىستىن مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ يۈز ئابرۇيىنى تۆكۈشنىڭ ھاراملىقى چىقىدۇ. شۇنداقلا، بىر مۇسۇلماننىڭ يۈز ئابرۇيى تۆكۈلسە، تۆھمەتلەنسە ياكى غەيۋىتى قىلىنىپ سەت كۆرسىتىلىشكە دۇچ كەلسە، بۇنىڭغا شاھىت بولغۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزى تۆكۈلگەن، تۆھمەتلەنگەن ياكى غەيۋىتى قىلىنىش ئارقىلىق سەت كۆرسىتىلگەن مۇسۇلماننىڭ يۈز ئابرۇيىنى قوغدىشى پەرز بولىدۇ. مۇسۇلماننىڭ يۈز ئابرۇيىنى قوغداش كىشىنى دوزاختىن قۇتقۇزىدىغان ئەمەل بولغان ئىكەن، مۇسۇلماننىڭ يۈز ئابرۇيىنى تۆكۈش كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان گۇناھى كەبىرىدۇر. سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك، گۇناھلىق ئىشقا شاھىت بولغۇچى ئۇ گۇناھلىق ئىشنى ئىنكار قىلىشى پەرز، گۇناھقا رازى بولۇپ سۈكۈت قىلىش شۇ گۇناھنى قىلغانغا ئوخشاش گۇناھتۇر.