مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە | ساھابە تابىئىنلاردىن ئايال كىشى ئەزان، قامەت ئوقۇمايدۇ دېگەنلەر

ھەئىد ئىبنى مۇسەييەب ۋە ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن:«ئاياللار ئۈچۈن ئەزان ۋە قامەت يوق.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2328)

ئىبراھىم نەخەئى مۇنداق دېگەن:«ئاياللارغا ئەزان ۋە قامەت يوق.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2329)

ھەسەن بەسرىدىن بۇنىڭ ئوخشىشى نەقىل قىلىنغان. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2330)

سۇلايمان تەيمىدىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ: بىز ئەنەستىن «ئاياللارنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدۇق «يوق. ئەگەر ئوقۇسا زىكىر جۈملىسىدىن سانىلىدۇ» دېدى. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2331)

ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ مۇنداق دېگەن:«ئاياللار ئۈچۈن ئەزان ۋە قامەت يوق.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2327)

مەككىلىك ئاياللاردىن بىرى مۇنداق دېگەن: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «(پەرز ناماز ئوقۇماقچى بولسام) قامەت ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ياق» دەپ جاۋاب بەردى. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2332)

زۇھرى مۇنداق دېگەن:«ئاياللارغا ئەزان ۋە قامەت يوقتۇر.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 2333)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئەزان توۋلىمايدۇ، قامەت ئوقۇمايدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2334)

زەھھاك مۇنداق دېگەن:«ئاياللار ئەزان ۋە قامەت ئوقۇمايدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 2335)

مۇجاھىد مۇنداق دېگەن:«ئاياللار قامەت ئوقۇمايدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 2340)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ