ھەدىس | سەجدىدە جەينەكلەرنى يەرگە چاپلىۋالماي كۆتۈرۈپ تۇتۇش

 

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان: اعْتَدِلُوا فِي السُّجُودِ ولا يَبْسُطْ أحَدُكُمْ ذِراعَيْهِ انْبِساطَ الكَلْبِ «سەجدىدە ئوتتۇرىھال بولۇڭلار. سىلەردىن ھېچكىم سەجدە پەيتىدە بىلەكلىرىنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋالمىسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 822؛ مۇسلىم 493؛ مىشكات 888)


بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان: (إذا سَجَدْتَ فضع كفيك وارفع مرفقيك) «سەجدە قىلساڭ ئالقانلىرىڭنى يەرگە قويۇپ، جەينەكلىرىڭنى كۆتۈر.» hedisim.com (مۇسلىم؛ مىشكات 889)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ