ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا (ئاخىرقى تەشەھھۇددا تەشەھھۇد دۇئاسىنى ۋە سەللى بارىك دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) ((اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِن عَذَابِ القَبْرِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَسِيحِ الدَّجَّالِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَحْيَا وَالْمَمَاتِ، اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِنَ المَأْثَمِ والْمَغْرَمِ)) «ئاللاھىم، ساڭا سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، گۇناھ قىلىشتىن ۋە قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى. (ساھابىلەردىن) بىرەيلەن «قەرزگە چۈشۈپ قېلىشتىن ھەجەپ كۆپ پاناھ تىلەيدىكەنلا» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«كىشى قەرزگە چۈشۈپ قالغاندا سۆزلىسە يالغان سۆزلەپ سالىدۇ، ۋەدە بەرسە سۆزىدە تۇرالماي قالىدۇ.» mujtehid.com (بۇخارى 883؛ مۇسلىم 589؛ مىشكات 939؛ مۇسنەد ئەھمەد 26075؛ نەسائى: سۈنەن كۇبرا 7\217؛ نەسائى: سۈنەن نەسائى 5472؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 4613)
نەسائىنىڭ لەۋزىدە «يُكْثِرُ التَّعَوُّذَ مِنَ المَغْرَمِ، والمَأْثَمِ»«قەرزگە ۋە گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن كۆپ پاناھ تىلەيتتى» دەپ كەلگەن.
(تارقىتىپ قويىشىڭىز ئاللاھنى، رەسۇلۇللاھنى، ئىسلام سۆيگەنلىكىڭىزنىڭ ئاشكارا ئىسپاتىدۇر. ساغلام دىنىي مەزمۇنلارنى، بولۇپمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىپ قويۇش قەلىبكە ئېغىر كېلىش، ئېغىر دەرىجىدە قەلب كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئەڭ ئاشكارا ئىپادىسىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ تارقىتىڭلار.» يەنە مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ ھەدىسلىرىمنى ئۆز پېتى تارقاتقۇچىنىڭ يۈزىنى ئاللاھ نۇرلاندۇرۇۋەتسۇن.»)
أنَّ رَسولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عليه وسلَّمَ كانَ يَدْعُو في الصَّلَاةِ ويقولُ: اللَّهُمَّ إنِّي أعُوذُ بكَ مِنَ المَأْثَمِ والمَغْرَمِ، فَقالَ له قَائِلٌ: ما أكْثَرَ ما تَسْتَعِيذُ يا رَسولَ اللَّهِ مِنَ المَغْرَمِ؟ قالَ: إنَّ الرَّجُلَ إذَا غَرِمَ حَدَّثَ فَكَذَبَ، ووَعَدَ فأخْلَفَ. الراوي:عائشة أم المؤمنين المحدث:البخاري المصدر:صحيح البخاري الجزء أو الصفحة:2397 حكم المحدث:[صحيح]
، أنَّ النبيِّ صَلَّى اللَّهُ عليه وسلَّمَ كانَ يَدْعُو في الصَّلَاةِ اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِن عَذَابِ القَبْرِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَسِيحِ الدَّجَّالِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَحْيَا وَالْمَمَاتِ، اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِنَ المَأْثَمِ والْمَغْرَمِ قالَتْ: فَقالَ له قَائِلٌ: ما أَكْثَرَ ما تَسْتَعِيذُ مِنَ المَغْرَمِ يا رَسولَ اللهِ، فَقالَ: إنَّ الرَّجُلَ إذَا غَرِمَ، حَدَّثَ فَكَذَبَ، وَوَعَدَ فأخْلَفَ. الراوي:عائشة أم المؤمنين المحدث:مسلم المصدر:صحيح مسلم الجزء أو الصفحة:589 حكم المحدث:[صحيح]