ھەدىس | كىشىنى دوزاخقا چۈشۈرىدىغان ئىككى ھالەت ۋە جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئىككى خىسلەت

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كىرىشگە ئەڭ كۆپ سەۋەب بولىدىغان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىۋىدى، ساھابىلەر «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر» دېدى. رەسۇلۇللاھ «جىنسىي ئەزا بىلەن ئېغىز (كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ). كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئەڭ كۆپ سەۋەب بولىدىغان نەرسىچۇ؟ ئۇ بولسىمۇ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاقتۇر» دېدى. mujtehid.com (بۇخارى: ئەدەب ئەلمۇفرەد 289: ئەھمەد: 2\291؛ تىرمىزى-ياخشىلىق- 62؛، ئىبنى-زۇھد-29 ماجە؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 6\360؛ تەيالىسى ۋە باشقىلار توپلىغان، سەھىھ ھەدىس) ھەدىسنىڭ ئەرەپچىە تېكىستى ئۈچۈن بەت ئاستىغا قاراڭ.

  • «ئېغىز» — تىلنىڭ ئاپىتىدۇر. تىل ئارقىلىق باشقىلارغا ئەرزىيەت بېرىش؛ باشقىلارنى گەپتە چېقىۋېلىش، قاتتىق گەپ قىلىش، غەيۋەت قىلىش، تىللاش، تۆھمەت قىلىش؛ براۋنى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرۈشكە تىرىشىش؛ باشقىلارنىڭ خاتالىق، قۇسۇرلىرىنى سۆزلەپ يۈرۈش؛ باشقىلاردىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىپىنى سوراپ كوچىلاش؛ مەيلى ئۇرۇق-تۇغقانلارغا، مەيلى خوتۇن-بالىلىرىغا، مەيلى ياتلارغا يۇمشاق، سىپايە سۆز قىلىشنىڭ ئەكسىچە قاتتىق سۆز قىلىش، تىللاش، ھاقارەتلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • «تەقۋا» — ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ھارام ۋە بىدئەتلەردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇزاق تۇرۇپ، ھارامغا ۋە بىدئەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن ھەر دائىم ھەزەر ئەيلەش، شۈبھىلىك ئىشلارنى تەرك ئېتىش، قەلبىدىكى ھېچنەرسە ئاللاھتىن چوڭ ۋە سۆيۈملۈك بولماسلىق، ئاللاھتىنلا قورقۇش، ئاللاھتىنلا ئۈمىد كۈتۈش، ئاللاھ ئۈچۈنلا ياخشى كۆرۈش قاتارلىقلار تەقۋانىڭ تەبىرىدۇر.
  • «گۈزەل ئەخلاق» — گۈزەل ئەخلاق كىشىنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىدە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان، ئاندىن سەلەپ سالىھلار ياخشى كۆرىدىغان ھالەتتە ئىزچىل بولۇشتۇر. گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇقەددىمىسى باشقىلارغا سۆز، ھەرىكەت، قاش-قاپاق ئارقىلىق ئەزىيەت بېرىشتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن يىراق تۇرۇشتۇر. كىشى ھەممىدىن ئاۋۋال مەيلى ئائىلىسىدىكىلەرگە، مەيلى دىنىي قېرىنداشلارغا، مەيلى باشقا كىشىلەرگە ھەر قانداق شەكىلدە ئەزىيەت بېرىشتىن ئۇزاق تۇرمىسا، بۇنداق كىشى ھەر قانچە مەرت، سېخىي بولسۇن، ھەر قانچە ئىلىملىك بولسۇن، ئەسلا گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىدە بار قىلالمايدۇ.

گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۆت چوڭ تۈۋرۈكى بار بولۇپ، بۇ تۆت خىسلەتتىن باشقىسىنىڭ گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۆت چوڭ تۈۋرۈكى بولالمايدۇ، ئۇلار — سەبىر، ئىپپەت، جاسارەت ۋە ئادالەتتۇر. (ئىبنى قەييىم ئەسەرلىرىدىن جەۋھەرلەر، 1\523)

باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىشتىن تامامەن قۇتۇلۇش بىلەن بىرگە كىشى ئۆزىدە يۇقىرىقى تۆت خىسلەتنى بار قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى لازىم.
گۈزەل ئەخلاقنىڭ بۇ تۆت چوڭ تۈۋرىكىگە يانداش تۈۋرۈكلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: مۇسۇلمانلارنىڭ ھال-ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ كىچىك پېئىللىق \ كەمتەرلىكنى ھەر دائىم لازىم تۇتۇش؛ بېخىللىقتىن ئۇزاق ھالدا مەرت-سېخىي بولۇش؛ ئەپۇچان\كەچۈرۈمچان بولۇش؛ قوشنىدارچىلىققا ئەھمىيەت بېرىش؛  مېھمىنىنى ھۆرمەتلەپ ياخشى كۈتۈش؛ جاھىللاردىن ئۇزاق تۇرۇش؛ ياخشىلارغا يېقىن تۇرۇش؛ غەيۋەت-شىكايەتتىن تىلنى، باشقىلارنى ئەيىپ-نۇقسانلىرىدىن كۆزنى يىغىش؛ چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىلەرنى ئىززەتلەش. ئورۇنسىز جېدەل، گەپ تالىشىش، مۇنازىرىدىن يىراق تۇرۇش … قاتارلىقلار مۇسۇلمان ئۆزىدە بار قىلىشى لازىم بولغان گۈزەل ئەخلاق تۈرلىرىدىندۇر.

  • جاسارەتلىك بولۇش: بۇ كۈنىمىزدە ئىزدەپ ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدىغان گۈزەل ئەخلاقتىن بىرىدۇر. كىشىلەرنىڭ تاپا-تەنە ئەزىيەتلىرىدىن ئەنسىرەپ ھەقنى سۆزلەشتىن باش تارتىش. بىدئەتچىلەرنىڭ دىننى بۇرمۇلىشىغا، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دىنغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا قولىدىن كېلىشىچە قارشى تۇرالايدىغان تۇرۇقلۇق تۈگۈلۈپ تۇرىۋېلىشنىڭ باش سەۋەبى جاسارەتسىزلىك، قورقۇنچاق ۋە دۇنيا تاماسىدۇر.
    پەيغەمبەرلەر، ساھابىلەر، سەلەپ سالىھلار باشچىلىقىدىكى رەببانى ئالىملار باشقا ماختىلىدىغان تەرەپلەردە ئەڭ ئۈستۈن زاتلار بولغاندىن سىرت، جاسارەتلىك بولۇشتىمۇ ئۈستۈن پەللىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ جاسارىتى ھېكمەتسىزلىك ۋە جاھىللىقتىن خالىي ھالدىكى جاسارەت ئىدى. ئۇلارنىڭ جاسارىتى ئىلىم ۋە ئەمەل ئاساسىدىكى جاسارەت ئىدى.

جاسارەتسىز، قورقۇنچاقلىقىمىز سەۋەبلىك نۇرغۇن بالا-مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولدۇق. بۇ ناچار ئەخلاقىمىز سەۋەبلىك نۇرغۇن بىدئەتلەرگە، ھاراملارغا، بۇزۇقچىلىقلارغا سۈكۈت قىلدۇق. ئاللاھ بىزنى ئىسلاھ قىلسۇن ۋە مەغفىرەت قىلسۇن. دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى ۋە ئەھلى بىدئەتكە قارشى، زۇلۇمغا قارشى جاسارەتلىك بولۇش ھەقىقىي جاسارەت بولۇپ، ئىسلامدا. تەشەببۇس قىلىنىدىغان جاسارەتلىك بولۇش  ھەرگىزمۇ مۇسۇلماننىڭ يۈزىنى تۆكۈشتە، ئەيىبىنى كوچىلاشتا جاسارەتلىك بولۇش، قۇسۇر ئىزدەش-تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەشتە جاسارەتلىك بولۇش؛ دىننىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئەمەس، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئۇرۇش-تالاش قىلىشتا جاسارەتلىك بولۇش ئەمەستۇر.

ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: حَدَّثَنا أبُو نُعَيْمٍ قالَ: حَدَّثَنا داوُدُ بْنُ يَزِيدَ قالَ: سَمِعْتُ أبِي يَقُولُ: سَمِعْتُ أبا هُرَيْرَةَ يَقُولُ: قالَ النَّبِيُّ ﷺ: «تَدْرُونَ ما أكْثَرُ ما يُدْخِلُ النّارَ؟» قالُوا: اللَّهُ ورَسُولُهُ أعْلَمُ، قالَ: «الأجْوَفانِ: الفَرْجُ والفَمُ، وأكْثَرُ ما يُدْخِلُ الجَنَّةَ؟ تَقْوى اللَّهِ وحُسْنُ الخُلُقِ»

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ