2|115|وَلِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ فَأَيْنَمَا تُوَلُّوا فَثَمَّ وَجْهُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
شەرقمۇ ئاللاھنىڭدۇر، غەربمۇ ئاللاھنىڭدۇر. (ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا، بەندە يۈز كەلتۈرگەن ھەر قانداق تەرەپ مۇتلەق رەۋىشتە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىدۇر.2) بۇنداق ئىكەن، (نامازدا3 ياكى دۇئادا4) قايسى تەرەپكە يۈز كەلتۈرمەڭلار، ئاللاھنىڭ يۈزى ئۇ تەرەپتىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋاسىئتۇر (لۇتفى كەڭرى، سۈپەتلىرى بۈيۈكتۇر5)، ھەممە ئىشلارنى (سىلەر يوشۇرغان ئىشلارنىمۇ، سىلەرنىڭ نىيەتلىرىڭلارنىمۇ6) مۇكەممەل رەۋىشتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [1. زادۇل مەسىير، تەپسىر ئىبنى كەسىر 2.تەپسىر سەئدى 3.تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 4. تەپسىر ئىبنى كەسىر 5-،6-تەپسىر سەئدى]
مەزكۇر ئايەتنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ تەپسىرلىگەن تەپسىرشۇناسلار ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن، كەبىدە ناماز ئوقۇغاندا كەبە كۆز ئالدىدا بولۇشىغا قارىماي، بەيتۇل مەقدىسكە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئون ئالتە ياكى ئون يەتتە ئاي مۇددەت ئىچىدە ئوخشاشلا بەيتۇل مەقدىسكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇدى. كېيىن ئاللاھ كەبىنى قىبلە قىلىپ تەيىنلەپ يۇقىرىقى ئايەتنى نازىل قىلدى.[تەپسىر ئىبنى كەسىر]
ئىمام بەغەۋى بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرى ئارىسىدا مۇنۇ ۋەقەلىكنىمۇ بايان قىلغان:
قىبلە كەبىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارنى ئەيىپلەپ «بۇلارنىڭ مۇقىم قىبلىسى يوق. بىردەم ئۇياققا، بىردەم بۇياققا قاراپ ناماز ئوقۇشىدۇ» دېيىشتى. نەتىجىدە يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى. [تەپسىر بەغەۋى]
بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ ئۆز ئۇلۇغلۇقىغا لايىق شەكىلدە، مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان ھەقىقىي يۈزىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان.[تەپسىر سەئدى]
ناتونۇش جايلاردا ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى قىبلىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىدىن شۈبھىگە چۈشسە، قىبلىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ، ئاندىن ئۆزى قىبلە ئىكەنلىكىگە قانائەت كەلتۈرگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ. كېيىن ئۆزى قاراپ ناماز ئوقۇغان تەرەپنىڭ قىبلىدىن باشقا تەرەپ ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئوقۇغان تەرەپ قىبلە بولىدۇ، نامىزىنى قايتا ئوقۇمايدۇ. [تەپسىر سەئدى]