«قىلغان يامانلىق-گۇناھلىرى سەۋەبلىك زالىملارنىڭ بىر قىسىمىنى بىر قىسىمىغا ھۆكۈمران قىلىمىز» ئايىتىنىڭ تەرجىمە تەپسىرى | 6:129

وَكَذَلِكَ نُوَلِّي بَعْضَ الظَّالِمِينَ بَعْضًا بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ (6:129)

مانا شۇنىڭدەك، قىلغان يامانلىقلىرى ۋە گۇناھلىرى سەۋەبلىك1، زالىملارنىڭ بىر قىسىمىنى بىر قىسىمىغا ھۆكۈمران قىلىمىز2. 

(1. زادۇل مەسىير؛ 2. زادۇل مەسىير، تەپسىر سەئدى)

ئىمام سەئدى (ۋاپاتى: 1957-يىلى) ئۆز تەپسىرىدە بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بەندىلەرنىڭ زۇلۇم ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرى ئاشسا، ئورۇندىشى كېرەك بولغان پەرزلەرنى ئورۇندىمىسا ئۇلارنىڭ بېشىغا زالىم ھۆكۈمدارلار كېلىدۇ. بۇ زالىم ھۆكۈمرانلار ئۇلارنى ئەڭ ئەشەددىي جازالار بىلەن جازالايدۇ. ئۇلاردىن ئالماقچى بولغانلىرى زۇلۇم بىلەن ھەقسىز رەۋىشتە ئالىدۇ. ئەگەر بەندىلەر ئەھۋاللىرىنى ئىسلاھ قىلىپ \ ياخشىلاپ، تۈزىتىپ، توغرا يولدا ماڭسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنى ئادالەتلىك ۋە ئىنساپلىق قىلىدۇ، زالىم ۋە ئادالەتسىز قىلمايدۇ.  hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ