«قىيامەت كۈنى ئەمەللەرنىڭ تارازىدا ئۆلچىنىشى ھەقتۇر» ئايىتىنىڭ تەرجىمە تەپسىرى | چۈشىنىشلىك قۇرئان تەرجىمىسى | 7:8

7|8|وَالْوَزْنُ يَوْمَئِذٍ الْحَقُّ فَمَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ

قىيامەت كۈنىدە ئەمەللەرنىڭ (قوش تەخسىلىك) تارازىدا ئۆلچىنىشى ھەقتۇر (كىشىنىڭ ياخشى يامان ئەمەللىرىنى ئۆلچەش جەھەتتە ھېچكىمگە زەررە قەدەر ناھەقچىلىك بولمايدۇ.1) كىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرى قويۇلغان تارازىسى (يامان ئەمەللىرى قويۇلغان تارازىسىدىن) ئېغىر كەلسە، مانا بۇنداق كىشىلەر بەخت-سائادەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. (1.تەپسىر سەئدى)

7|9|وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ بِمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَظْلِمُونَ

كىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرى قويۇلغان تارازىسى (يامان ئەمەللىرى تارتىلىدىغان تارازىسىدىن) يەڭگىل كەلسە، مانا بۇنداقلار ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش (باتىلغا ئەگىشىش1) ئارقىلىق ئۆزىگە زىيان سالغانلاردۇر. (1. تەپسىر بەغەۋى)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ