49:1«ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار» ئايىتىنىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾ سۈرە ھۇجۇرات، 1-ئايەت

ئى (ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا 1) ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار.(دىنىڭلاردا ھۆكۈمى بار بولغان ھەر قانداق مەسىلىدە2 سۆز ياكى ئەمەللىرىڭلار ئارقىلىق ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھى سالاتۇ ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار3. رەسۇلۇللاھتىن باشقا كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ساقلىنىڭلار4، پۈتۈن ئىشلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار5. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دىن ھەققىدە دېمىگەن سۆزنى دېمەڭلار، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلماڭلار، قۇرئانغا ۋە سۈننەتكە مۇخالىپ سۆز ۋە ئەمەللەردە بولماڭلار6. پۈتۈن ئىشلىرىڭلاردا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىڭلار-ك، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىدىن ئېشىپ، ئۆز ئالدىڭلارغا ھۆكۈم چىقىرۋالماڭلار، بولمىسا دىندا بىدئەت چىقارغان بولىسىلەر7.) ئاللاھتىن قورقۇڭلار.(سۆز ۋە پېئىللىرىڭلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە زىت بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭلار8). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەسسەمىيدۇر (ھەر زامان ئەڭ مەخپىي جاي ۋە تەرەپلەردىكى بارچە ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر9)؛ ئەلىيمدۇر .(مەخپىي ئىشلارنى، ئاشكارا ئىشلارنى، ئۆتمۈشنى، كېلەچەكنى، مەۋجۇت بولۇشى مۇقەررەر بولغانلارنى، مەۋجۇت بولۇشى ئىمكانسىز بولغانلارنى ۋە مۇمكىن بولغانلارنى ھەر قاچان بىلىپ تۇرغۇچىدۇر10)

1.2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 4.5. تەپسىر سەئدى 6.زادۇل مەسىر 7.تەپسىر مۇيەسسەر 8.9.10 تەپسىر سەئدى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ