ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | زىممىسىدە پەرز روزا قالغان ھالدا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەكمۇ؟

   438-سوئال: رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغا ۋە رامىزان ئېيى چىقىپ  تۆت كۈندىن كېيىن ۋاپات بولغا كېسەلنىڭ تۇتالمىغان روزىلىرىنى ئۇنىڭ نامىدا قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

   جاۋاب: ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كېسەللىك كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە كەلگەن كېسەللىكلەردىن بىرى بولۇپ، تاكى ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان تەقدىردە  يېقىنلىرى ئۇنىڭ نامىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن قازاسىنى قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ:«سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتالمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى ئەمەس.» (سۈرە بەقەرە185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) بۇ كېسەل كىشىنىڭ تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى باشقا كۈنلەردە قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇنۇڭغا ئىمكانىيىتى بولماستىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، قازا روزىسىنى تۇتۇش ئۇنىڭ بوينىدىن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن قازا روزىسىنى تۇتۇش ئۇنۇڭغا ۋاجىپ بولغان ۋاقىتقا ئولىشالمىغان. بۇ كىشى بەئەينى شەئبان ئېيىدا ۋاپات بولغان كىشىگە ئوخشاشتۇر. شەئبان ئېيىدا ۋاپات بولغان كىشىگە كەلمەكچى بولغان رامىزاننىڭ روزىسى پەرىز ئەمەس بىراق، كېسەللىك ياخشىلىنىشتىن ئۈمۈد ئۈزۈلگەن كېسەللىكلەر تۈرىدىن بولغان چاغدا، كېسەل كىشىنىڭ تۇتالمىغان ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن پېقىرغا تويغۇدەك تائام بېرىشى پەرىز بولىدۇ. (ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالار، 438-نومۇرلۇق پەتىۋا)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى – مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ