زاكات كىتابى
(ھەرەم ئالىملىرى يازغان «فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق مەشھۇر فىقھى ئەسىرىنىڭ زاكات بابىدىن تەرجىمە قىلىندى)
مۇجتەھىد تورى تارقاتتى | mujtehid.com
1. زاكات توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچە
بىرىنچى مەسىلە: زاكاتنىڭ ئېنىقلىمىسى
زاكاتنىڭ لۇغەت مەنىسى «تەرەققىي قىلماق؛ كۆپەيمەك»تۇر. زىرائەت ئۆسكەندە، «زكا الزرع» «زىرائەت ئۆستى» دېيىلىدۇ.
شەرئىي ئاتالغۇلۇق سۈپىتىدە بولسا، زاكات ـــ مۇئەييەن مىقدارغا يەتكەن مال–مۈلۈكتە، مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا، مۇئەييەن كىشىلەرگە قارىتا ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان ھەقتۇر. زاكات بەندە ئۈچۈن پاكىزلىنىش، روھ ئۈچۈن پاكلىنىشتۇر. ئاللاھ تائالا «ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلىغايسەن، (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن» دېگەن. [سۈرە تەۋبە 103-ئايەت] زاكات ئورتاق بەھرىلىنىشكە، مېھىر-مۇھەببەتكە، مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر.
ئىككىنچى مەسىلە: زاكاتنىڭ ھۆكمى ۋە بۇنىڭ دەلىلى
زاكات ئىسلامنىڭ پەرزلىرىدىن بىر پەرز، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ بەش رۇكنى (تۈۋرۈكى)دىن بىرىدۇر. ئۇ ئىسلامنىڭ نامازدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم رۇكنىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ «نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار» [سۈرە بەقەرە 43-ئايەت]؛ «ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلىغايسەن، (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن» [سۈرە تەۋبە 103-ئايەت] دېگەن سۆزلىرى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆۋەندىكى بۇيرۇقىمۇ شۇنى تەقەززا قىلىدۇ:
«ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان: ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچبىر ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكاتنى بېرىش، بەيت (مەسجىدى ھەرەم)كە ھەج قىلىش ۋە رامزان روزىسىنى تۇتۇش» [ئىمام بۇخارى (8) ۋە ئىمام مۇسلىم (16) ئىبنى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان].
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىياللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ئۇنىڭغا شۇلارنى تەۋسىيە قىلغان:
«ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچبىر ئىلاھ يوقلۇقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىشكە دەۋەت قىلغىن. ئەگەر ئۇلار بۇ خۇسۇستا (ساڭا) ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ھەر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاق نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن. ئەگەر ئۇلار بۇ خۇسۇستىمۇ (ساڭا) ئىتائەت قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ماللىرىدا ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ پېقىرلىرىغا بېرىلىدىغان سەدىقە (يەنى زاكات)نى پەرز قىلغانلىقىنى ئۇلارغا بىلدۈرگىن» [ئىمام بۇخارى (1395) ۋە ئىمام مۇسلىم (19) ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان].
ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە يېرىدىكى مۇسۇلمانلار زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىجما بىلەن قوبۇل قىلىشقان. ساھابە كىراممۇ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) زاكاتنى بەرمىگەنلەرگە ئۇرۇش ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىتتىپاق بىلەن قوبۇل قىلىشقان.
ئەنە شۇ رەۋىشتە، زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكى قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجما بىلەن سابىت بولغان.
بەشىنچى مەسىلە: زاكات بېرىلىشى كېرەك بولغان مال-مۈلۈكلەر
بەش تۈرلۈك مال-مۈلۈككە زاكات بېرىلىشى كېرەك بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردۇر:
- مال-چارۋىلار: بۇلار تۆگە، كالا ۋە قوي تۈرىدىكى چارۋىلاردۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن:
«ھەرقانداق تۆگە، كالا ياكى قوي ئىگىسى ئۇلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلمىسا، بۇلار (يەنى زاكىتى ئادا قىلىنمىغان ماللار) قىيامەت كۈنى (دۇنيادىكى) ئەڭ يوغان ۋە ئەڭ سېمىز ھالىتىدە كېلىپ، ئۇ كىشىنى مۈڭگۈزلىرى بىلەن ئۈسۈپ، تۇياقلىرى بىلەن دەسسەيدۇ. ھەر قاچان ئاخىرقىسى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، باشتىكىلىرى قايتىپ كېلىپ، قىلغانلىرىنى تەكرارلايدۇ. شۇنداقلا، تاكى ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلغانغا قەدەر، بۇ مۇشۇ رەۋىشتە داۋاملىشىدۇ» [ئىمام مۇسلىم (987) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان].
- ئىككى خىل ئاقچا، يەنى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش. نۆۋەتتە ئومۇملاشقان قەغەز پۇللاردەك، بۇ ئىككىسى (يەنى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش)نىڭ رولىنى ئوينايدىغان پۇللارنىڭ ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا شۇنداق دېگەن: «ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن» [سۈرە تەۋبە 34-ئايەت].
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن:
«ھەرقانداق ئالتۇن-كۈمۈش ئىگىسى ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىسا، قىيامەت كۈنى ئالتۇن – كۈمۈشلەر كەڭ پەتنۇس ھالىتىدە كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخ ئوتىدا قىزدۇرۇلىدۇ. ئاندىن شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ بېقىنى، يۈزى ۋە دۈمبىسى داغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار سوۋۇپ قالغان ھامان قايتا قىزىتىلىپ تۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مىڭ يىلغا باراۋەر كېلىدىغان كۈندە (شۇ ھالەتتە) داۋاملىشىدۇ» [ئىمام مۇسلىم (987) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان].
- تىجارەت ماللىرى: بۇ تاپاۋەت قىلىش مەقسىتىدە ئېلىنىپ، سېتىلماقچى بولغان ھەربىر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! (ھالال يوق ئارقىلىق) تاپاۋەت قىلغان نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن … سەدىقە قىلىڭلار» دېگەن [سۈرە بەقەرە 267-ئايەت]. شۇنداقلا، بارلىق ئىلىم ئەھلى بۇ ئايەتتە تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتىنىڭ نەزەردە تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
- دانلىق زىرائەت ۋە مېۋىلەر (الحبوب والثمار): «دانلىق زىرائەتلەر» ـــ ئارپا، بۇغداي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يېيىش مەقسىتىدە ساقلىنىدىغان دانلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «مېۋىلەر» بولسا خورما ۋە كىشمىشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا شۇنداق دېگەن: «بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىڭلار» [سۈرە بەقەرە 267-ئايەت]؛ «مېۋە(نىڭ ھوسۇلى)نى يىغقان كۈندە، ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار» [سۈرە ئەنئام 141-ئايەت]. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ شۇنداق دېگەن: «ئاسماندىن ياكى بۇلاقلاردىن سۇغا ئېرىشىدىغان مەھسۇلاتلار ياكى سۇغىرىلماستىن (يەنى سۇ ئىچىدە ئۆسىدىغان ياكى سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى ئەتراپىدىكى سۇ بىلەن قاندۇرىدىغان) مەھسۇلاتلار ئۈچۈن ئۆشرە (يەنى ئوندىن بىرى) ئېلىنىدۇ. سۇغىرىش ئۈچۈن سۇ توشۇلغان مەھسۇلاتلاردىن بولسا، ئۆشرىنىڭ يېرىمى (يەنى يىگىرمىدىن بىرى) ئېلىنىدۇ» [ئىمام بۇخارى (1483) ئىبنى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان].
- مەدەن ۋە يەر ئاستىدىن تېپىۋېلىنغان بايلىق (المعادن والرِّكاز): «مەدەن» ئاللاھ تەرىپىدىن زېمىندا يارىتىلغان، زېمىننىڭ ئىچىگە ھېچكىم تەرىپىدىن قويۇلمىغان، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ۋە شۇلارغا ئوخشاش مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە، يەردىن چىقىدىغان ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«يەر ئاستىدىن تېپىۋېلىنغان بايلىق» بولسا يەر ئاستىدىن تېپىلغان، جاھىلىيەت دەۋرلىرىگە ئائىت بايلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنلەر بىلەن يەر ئاستىدىن تېپىۋېلىنغان بايلىقلارغا زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى «تاپاۋەت قىلغان نەرسىلىرىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىڭلار» [سۈرە بەقەرە 267-ئايەت] دېگەن ئايەتنىڭ ئومۇمىي دالالىتىدۇر. ئىمام قۇرتۇبى ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە: «بۇ زىرائەت مەھسۇلاتلىرىدىن، مەدەنلەردىن ۋە يەر ئاستىدىن تېپىۋېلىنغان بايلىقلاردىن (زاكات بېرىڭلار) دېگەنلىكتۇر» دېگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «يەر ئاستىدىن تېپىۋېلىنغان بايلىقنىڭ بەشتىن بىرى (زاكات ھېسابىدا) ئېلىنىدۇ» دېگەن [ئىمام بۇخارى (1499) ۋە ئىمام مۇسلىم (1710) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان].
مەدەنلەرگە زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىدە ئۈممەت ئىجماغا كەلگەن.
ئالتىنچى مەسىلە: زاكاتنىڭ پەرز قىلىنىش ھېكمىتى ۋە زاكاتنىڭ كىملەرگە پەرز ئىكەنلىكى (يەنى پەرز بولۇش شەرتلىرى)
ئا ـــ زاكاتنىڭ پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكمەت
زاكات تولىمۇ يۈكسەك ھېكمەت ۋە ئىنتايىن زور نىشانلار ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. بۇ ھېكمەت ۋە نىشانلار ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپكى، شۇلاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىلەر:
- مالنىڭ پاكلىنىشى، (ۋە شۇ پاك ھالىتىدە) كۆپىيىشى، ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلىنىشى، يامانلىقىنىڭ ۋە زىيانلىرىنىڭ يوقىتىلىشى ئارقىلىق تۈرلۈك ئاپەت ۋە بۇزغۇنچىلىقلاردىن قوغدىلىشى.
- زاكات بەرگۈچىنىڭ شۇ ئارقىلىق پىخسىقلىقتىن، چوڭ-كىچىك گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن پاكلىنىشى ۋە ئۇنى ئاللاھ يولىدا سېخىيلىق بىلەن، جاۋاب قايتۇرۇلۇشىنى كۈتمەستىن سەدىقە بېرىشكە ئادەتلەندۈرۈلۈشى.
- پېقىرلارغا يار-يۆلەك بولۇش، موھتاجلارنىڭ ۋە يوقسۇللارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش.
- جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقنى، ياردەملىشىشنى ۋە مۇھەببەتنى روياپقا چىقىرىش. چۈنكى، پۇلدار كىشى ئۆزىنىڭ پېقىر قېرىندىشىغا زاكات بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىدە شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان نەپرەتنى ۋە شۇ پۇلدارنىڭ مال-دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىشقا ئوخشاش تۇيغۇلارنى يوقىتالايدۇ. ئەنە شۇ رەۋىشتە، ئارىدا نەپرەت قالمايدۇ ۋە جەمئىيەتتە ئاسايىشلىق ئومۇملىشىدۇ.
- زاكاتنى ئادا قىلىش ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانغا كۆپلەپ ئاتا قىلغان مال-دۇنيا نېمىتىگە قىلىنغان شۈكۈردۇر، شۇنداقلا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرگەنلىكتۇر.
- زاكات شۇ زاكاتنى بەرگۈچىنىڭ ئىمانىنىڭ ھەقىقىي، سەمىمىي ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى، ياخشى كۆرۈلگەن مال-دۇنيانى پەقەت شۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈلگەن بىر زات ئۈچۈنلا بەرگىلى بولىدۇ. ئەنە شۇ ۋەجىدىن، ئۇنىڭغا «سەدىقە» دېيىلگەن بولۇپ، زاكات بەرگەن كىشى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنى ۋە رازىلىقىنى چىن ساداقەت بىلەن تەلەپ قىلغان بولىدۇ.
- زاكات ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ، ياخشىلىقلارغا نائىل بولۇشنىڭ، گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنىڭ ۋە باشقا ياخشى ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
ب ـــ زاكات كىملەرگە پەرز؟ (زاكاتنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ شەرتلىرى)
تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان كىشىگە زاكات بېرىش پەرزدۇر:
- ئىسلام: كاپىرنىڭ زاكات بېرىشى پەرز ئەمەس. چۈنكى، زاكات مۇسۇلماننى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان، مال ئارقىلىق قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر. ھالبۇكى، كاپىرنىڭ ئىبادىتى تاكى ئۇ ئىسلامغا كىرمىگۈچە قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا شۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، (پۇل – مېلىنى) رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ» [سۈرە تەۋبە 54-ئايەت]. زاكات ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمىغانىكەن، ئۇلارنى زاكات بېرىشكە بۇيرۇشنىڭ پايدىسى يوق. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىمۇ شۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ: «ئەنە شۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان سەدىقە پەرزىدۇر» [بۇخارى 1454. بۇ ئەبۇ بەكرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇنى بەھرەينگە ئەۋەتكەندە يازغان مەكتۇپتىكى ئىبارىلەردۇر].
ۋەھالەنكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاپىر (قىيامەتتە) زاكاتتىن ھېسابقا تارتىلىدۇ. چۈنكى، توغرا قاراشقا كۆرە، شەرىئەتنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈملىرى كاپىرلارغىمۇ تەدبىقلىنىدۇ.
- ھۆرلۈك: زاكات ئادەتتىكى قۇلغىمۇ، ئازاد بولۇش خۇسۇسىدا خوجايىنى بىلەن توختاملاشقان قۇلغىمۇ پەرز ئەمەس. چۈنكى، قۇل ھېچنەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئازاد بولۇش خۇسۇسىدا خوجايىنى بىلەن توختاملاشقان قۇلنىڭمۇ (ئۆزىگە ۋە ئىلكىدىكى نەرسىلەرگە بولغان) ئىگىدارلىق ھەققى ئاجىزدۇر. يەنە كېلىپ، قۇلمۇ، ئۇنىڭ ئىلكىدىكى مالمۇ خوجايىنىنىڭ مۈلكىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى خوجايىنىنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ.
- نىساب (زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم)قا تولۇق ۋە ئىزچىل رەۋىشتە ئىگە بولغان بولۇش. ئىگىدارچىلىقنىڭ ئىزچىل بولۇشى دېگەنلىك يوقىلىپ كېتىدىغان/ۋەيران بولىدىغان ھالەتتە بولماسلىقى دېگەنلىكتۇر. ۋەيران بولۇش ياكى تارتىۋېلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان مالغا زاكات كەلمەيدۇ. شۇنداقلا، بۇ نىساب كىشىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ قاتارلىق ئەقەللىي ئېھتىياجلىرىدىن ئاشقان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، زاكات پېقىرلارغا يار-يۆلەك بولۇش ئۈچۈن پەرز قىلىنغان. شۇ ۋەجىدىن، بۇ جەھەتتە (شەرئىي ئۆلچەملەرگە كۆرە) ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان «باي»لىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان نىسابقا بولغان ئىگىدارچىلىق نەزەردە تۇتۇلۇشى كېرەك. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «بەش ۋەسەقتىن تۆۋەن (زىرائەت مەھسۇلاتلىرى)گە سەدىقە (زاكات) يوق. بەش تۇياقتىن ئاز تۆگىگە زاكات يوق. بەش ئۇقىيەدىن ئاز پۇلغا زاكات يوق» [ئىمام بۇخارى (1447) ۋە ئىمام مۇسلىم (979) ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان].
- (زاكات كېلىدىغان ئۆلچەمدىن ئاشقان) مالنىڭ كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۇرغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇشى. بۇ كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى، زاكات كېلىدىغان ئۆلچەمگە يەتكەن مالنىڭ ئۇنىڭ قولىدا (قەمەرىي كالېندار بويىچە) 12 ئاي تۇرغان بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مالغا (كامىل) بىر يىل ئۆتمىگۈچە زاكات يوق» دېگەن [ئىمام ئىبنى ماجە ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان بولۇپ، شەيخ ئەلبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان؛ «ئىراۋائۇل غەليل» 3-جىلىد 254-بەت 787-نومۇرغا قاراڭ].
بۇ پەقەت چوڭ-كىچىك مال-چارۋىلارغا، ئالتۇن-كۈمۈشكە (ۋە پۇلغا)، شۇنداقلا تىجارەت ماللىرىغا خاس شەرتتۇر. زىرائەت مەھسۇلاتلىرى، مېۋىلەر، مەدەنلەر ۋە يەر ئاستىدىن تېپىلغان بايلىقلار ئۈچۈن «بىر يىل ئۆتكەن بولۇش» شەرت قىلىنمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: «(مېۋىلەرنى) يىغقان كۈندە، ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار» دېگەن [سۈرە ئەنئام 141-بەت]. شۇنداقلا، مەدەن ۋە يەر ئاستىدىن تېپىلغان بايلىقلارمۇ يەردىن ئېرىشىلگەن ماللار بولغاچقا، خۇددى زىرائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مېۋىلەردىكىگە ئوخشاشلا، بۇلارغا زاكاتنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن بىر يىل ئۆتكەن بولۇشى شەرت ئەمەس.
يەتتىنچى مەسىلە: زاكاتنىڭ تۈرلىرى
زاكات ئىككى تۈرلۈكتۇر:
- ماللارنىڭ زاكىتى: بۇ مالغا مۇناسىۋەتلىك (مالدىن بېرىلىدىغان) زاكاتتۇر.
- بەدەننىڭ زاكىتى: بۇ بەدەنگە ئالاقىدار زاكات بولۇپ، پىتىر زاكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
سەككىزىنچى مەسىلە: بېرىلگەن قەرزنىڭ زاكىتى
ئەگەر بېرىلگەن قەرز ئۇنى قايتۇرۇشتا قىينىلىۋاتقان بىرىنىڭ ئۈستىدە بولسا، قەرز بەرگۈچى قەرزنى قايتۇرۇۋالغاندا ئۇنىڭ بىر يىللىق زاكىتىنى بېرىدۇ. ئەگەر بەرگەن قەرزى قەرزنى قايتۇرالايدىغان كىشىنىڭ ئۈستىدە بولسا، ئۇ ھەر يىلى شۇ مالنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ ئاشۇ كىشى (يەنى مال ئىگىسى)نىڭ يېنىدا تۇرغان مالنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.
2. ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ زاكىتى
بىرىنچى مەسىلە: ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ زاكىتىنىڭ ھۆكمى ۋە بۇنىڭ دەلىلى
ئاللاھ تائالانىڭ ش سۆزىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە زاكات بېرىش پەرزدۇر. {ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن} [سۈرە تەۋبە 34-ئايەت]. پەقەت پەرز ئەمەللەر تەرك ئېتىلگەندە، ئاندىن بۇ خىل تەھدىتلەر قىلىنىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆۋەندىكى سۆزىمۇ ئالتۇن-كۈمۈش ئۈچۈن زاكات بېرىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىلدۇر: «ھەرقانداق ئالتۇن-كۈمۈش ئىگىسى ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىسا، قىيامەت كۈنى ئالتۇن– كۈمۈشلەر كەڭ پەتنۇس ھالىتىدە كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخ ئوتىدا قىزدۇرۇلىدۇ. ئاندىن شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ بېقىنى، يۈزى ۋە دۈمبىسى داغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار سوۋۇپ قالغان ھامان قايتا قىزىتىلىپ تۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مىڭ يىلغا باراۋەر كېلىدىغان كۈندە (شۇ ھالەتتە) داۋاملىشىدۇ» [ئىمام مۇسلىم (987) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان].
بۇ ھەقتىكى يەنە بىر دەلىل ـــ ئىلىم ئەھلىنىڭ 200 دىرھەم كۈمۈشكە بەش دىرھەم (كۈمۈش)، شۇنداقلا 200 دىرھەم قىممىتىدىكى يىگىرمە مىسقال ئالتۇنغىمۇ (قىرىقتىن بىر) زاكات پەرز بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىجماغا كەلگەنلىكىدۇر.
ئىككىنچى مەسىلە: زاكاتنىڭ مىقدارى
ئالتۇن-كۈمۈشتە پەرز بولغان زاكات مىقدارى ئۆشرىنىڭ تۆتتىن بىرى (يەنى قىرىقتىن بىر)دۇر. يەنى ھەر يىگىرمە دىنار كۈمۈشكە يېرىم دىنار زاكات كېلىدۇ. (ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ مىقدارى) بۇنىڭدىن كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا مۇشۇ شەكىلدە ھېسابلىنىپ (قىرىقتىن بىرى) زاكات بېرىلىدۇ. ھەر 200 دىرھەم كۈمۈش ئۈچۈن بەش دىرھەم زاكات بېرىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ شۇ شەكىلدە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زاكات توغرىسىدىكى يازما كۆرسەتمىسىدە: «كۈمۈشنىڭ ھەر 200 دىرھەمى ئۈچۈن، ئۆشرىنىڭ تۆتتىن بىرى (يەنى قىرىقتىن بىر) بېرىلىدۇ» دېيىلگەن [ئىمام بۇخارى (1454) ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان]. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ شۇنى تەقەززا قىلىدۇ: «سېنىڭ (ئالتۇندىن) يىگىرمە دىنارىڭ بولمىغۇچە، ساڭا (زاكاتتىن) بىرەر نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئەگەر يىگىرمە دىنارىڭ بار بولۇپ، ئىلكىڭدە بىر يىل تۇرغان بولسا، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈچۈن يېرىم مىسقال زاكات بېرىشىڭ كېرەك بولىدۇ» [ئىمام ئەبۇ داۋۇد (1573) ۋە باشقىلار ئەلىي رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام نەۋەۋىينىڭ دېگىنىدەك، بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ھەسەن ياكى سەھىھتۇر]. بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ھەر يىگىرمە مىسقالدىن يېرىم مىسقال زاكات ئالغان»لىقىدۇر [ئىبنى ماجە 1791؛ دارىقۇتنى 199. «ئىرۋائۇل غەليل»غا قاراڭ، 289/3].
ئۈچىنچى مەسىلە: شەرتلىرى
ئالتۇن-كۈمۈشتە زاكاتنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك:
نىساب (زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم)قا توشقان بولۇش: ئالتۇن ئۈچۈن زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم يىگىرمە مىسقالدۇر. چۈنكى، ئەلىي رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن تۆۋەندىكى ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان: «سېنىڭ (ئالتۇندىن) يىگىرمە دىنارىڭ بولمىغۇچە، ساڭا (زاكاتتىن) بىرەر نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئەگەر يىگىرمە دىنارىڭ بار بولۇپ، ئىلكىڭدە بىر يىل تۇرغان بولسا، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈچۈن يېرىم مىسقال زاكات بېرىشىڭ كېرەك بولىدۇ». يىگىرمە دىنار (مىسقال) ئالتۇن 85 گرامغا باراۋەردۇر.
كۈمۈش ئۈچۈن زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم (نىساب) 200 دىرھەم كۈمۈشتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «بەش ئۇقىيەدىن ئاز پۇلغا زاكات يوق» دېگەن. بىر ئۇقىيە قىرىق دىرھەم بولغاچقا، بەش ئۇقىيە 200 دىرھەم بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىمۇ بۇنى تەقەززا قىلىدۇ:
«كۈمۈش ئۈچۈن ئۆشرىنىڭ تۆتتىن بىرى (يەنى قىرىقتىن بىر) بېرىلىدۇ. ئەگەر كۈمۈش پەقەت 190 دىرھەملا بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەرسە بېرىش كېرەك ئەمەس. پەقەت كۈمۈش ساھىبىنىڭ ئۆزى خالىشى (يەنى ئۆزى خالاپ بىر نەرسە بېرىشى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا» [ئىمام بۇخارى (1454) ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ بىر قىسمى].
ئالىملارمۇ كۈمۈشنىڭ نىسابىنىڭ بەش ئۇقىيە، ئالتۇننىڭ نىسابىنىڭ يىگىرمە مىسقال ئىكەنلىكىدە ئىجماغا كەلگەن [«سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى» 48/7].
- يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان، زاكات پەرز بولىدىغان كىشىلەر ھازىرلىشى كېرەك بولغان شەرتلەر بولۇپ، بۇلار مۇسۇلمان بولۇش، ھۆر بولۇش، ھەقىقىي ئىگىدارچىلىققا ئىگە بولۇش ۋە ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بولۇش قاتارلىقلاردۇر. بۇ خۇسۇسلار يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلدى.
تۆتىنچى مەسىلە: ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە قوشۇش
كۈچلۈك قاراشقا كۆرە، ئالتۇن ۋە كۈمۈش نىسابقا يەتكۈزۈلۈش مەقسىتىدە بىر-بىرىگە قوشۇلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككىسى تۆگە بىلەن كالا، ئارپا بىلەن بۇغدايغا ئوخشاش پەرقلىق تۈردىكى نەرسىلەردۇر. بۇلاردىكى مۇددىئا ئوخشاش بولسىمۇ، ئەھۋال يەنىلا شۇنداقتۇر. يەنى تۆگە بىلەن كالىدىكى مۇددىئا ئۇلارنى كۆپەيتىش، ئارپا بىلەن بۇغدايدىكى مۇددىئا بولسا ئوزۇقلىنىشتۇر. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «بەش ئۇقىيەدىن ئاز پۇلغا زاكات يوق» دېگەن سۆزىمۇ شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
نىسابقا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئالتۇن-كۈمۈشنى بىر-بىرىگە قوشۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشقا كۆرە، كىشىدە ئۆز ئىلكىدىكى كۈمۈشنى نىسابقا يەتكۈزگۈدەك مىقداردا ئالتۇن بار بولسا، كۈمۈش بەش ئۇقىيەدىن ئاز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىش پەرز بولىدۇ. ھالبۇكى، (يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان) ھەدىس (كىشىنىڭ ئىلكىدە) كۈمۈشنى بەش ئۇقىيەگە يەتكۈزگۈدەك ئالتۇن بار بولغان ئەھۋالنىمۇ، ئالتۇن بولمىغان ئەھۋالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭغا بىنائەن، بىر كىشىنىڭ ئون دىنارى (ئون مىسقال ئالتۇنى) ۋە يۈز دىرھەمى بار بولسا، ئۇنىڭغا زاكات پەرز بولمايدۇ. چۈنكى، ئالتۇننىڭ زاكىتى ئالتۇننىڭ نىسابى بويىچە، كۈمۈشنىڭ زاكىتىمۇ كۈمۈشنىڭ نىسابى بويىچە بېرىلىدۇ.
بەشىنچى مەسىلە: زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ زاكىتى
توپلاش ياكى ئىجارىگە بېرىش مەقسىتىدە تەييارلانغان زىننەت بۇيۇملىرىدا زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. ئەر كىشىنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك تاقىشى ياكى ئايال كىشىنىڭ ئۈستىگە ھايۋاننىڭ سۈرىتى نەقىشلەنگەن ياكى ئىچىدە ھايۋاننىڭ سۈرىتى بار زىننەت بۇيۇمى ئىشلىتىشى دېگەندەك ئەھۋاللاردىكىگە ئوخشاش، ھارام بولغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ھۆكمىمۇ ئەنە شۇنداقتۇر.
ئىشلىتىلىشى مۇباھ بولغان ۋە باشقىلارغا بېرىپ تۇرۇش مەقسىتىدە ساقلانغان زىننەت بۇيۇملىرىغىمۇ ـــ ئالىملارنىڭ بۇ خۇسۇستىكى كۆز قاراشلىرى ئارىسىدىكى توغرا بولغىنىغا كۆرە ـــ زاكات كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
- ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە زاكات كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈملەرنىڭ ئومۇمىي دالالىتى. بۇ ئومۇمىي دالالەت ھەم زىننەت بۇيۇملىرىنىمۇ، ھەم باشقىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- سۇنەن ئەھلى (نەسائى، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ت) ئەمىر ئىبنى سۇھەيبتىن ئۇ دادىسىدىن، دادىسى بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس. «بىر ئايال قىزى بىلەن بىللە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى. قىزىنىڭ قولىدا ئىككى دانە توم ئالتۇن بىلەيزۈك بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: <بۇنىڭ زاكىتىنى بېرەمسەن؟> دېدى. ھېلىقى ئايال <ياق> دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: <بۇلارنىڭ ئورنىغا ئاللاھنىڭ ساڭا ئوتتىن ئىككى بىلەيزۈك تاقاپ قويۇشىنى ياقتۇرامسەن؟> دېدى. ھېلىقى ئايال بىلەيزۈكلەرنى چىقىرىپ (سەدىقە قىلىشى ئۈچۈن) رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمغا بەردى» [ئەبۇ داۋۇد 1563؛ نەسائى 38/5؛ بەيھەقى 140/4؛ «نەسبۇر رايە» 370/2 دە كۆرسىتىلگىنىدەك، ئىبنى قەتتان سەنەدىنى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھۇت تىرمىزى» 518 دە ھەسەن، دېگەن]. بۇ ھەدىس مۇشۇ خۇسۇستىكى ئوپئوچۇق دەلىللەردىندۇر. شۇنداقلا، مەزكۇر ھەدىسنىڭ «سەھىھۇل بۇخارى» ۋە باشقا مەنبەلەردىمۇ شاھىتلىرى باردۇر.
- يەنە بىر تەرەپتىن، مەزكۇر قاراش ئېھتىياتقا تېخىمۇ ئۇيغۇن بولۇپ، كىشىنى (بىر پەرزنى ئادا قىلمىغان ئەھۋالدىكى) جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سېنى شۈبھىلەندۈرگەن ئىشنى تەرك ئېتىپ، شۈبھىلەندۈرمىگەن ئىشنى قىل» دېگەن.
ئالتىنچى مەسىلە: تىجارەت ماللىرىنىڭ (عُرُوض التجارة) زاكىتى
«عَرْض» ۋە «عَرَض» كەلىمىلىرىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان «العروض» قايسى تۈردىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇسۇلمانلار تىجارەت ئۈچۈن تەييارلىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. زاكات ماللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئومۇمىيۈزلۈك ۋە كەڭ دائىرىلىك بولغىنىمۇ مۇشۇ تۈردۇر. ئۇ مۇقىم بىر شەكىلدە تۇرمايدىغانلىقى، دەسلەپتە ئۆتكۈنچى ھالەتتە پەيدا بولۇپ، ئاندىن زاۋال تاپىدىغانلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. چۈنكى، مالنىڭ ئىگىسى بولغان سودىگەر ئاشۇ مۇئەييەن تاۋارنى ئەمەس، بەلكى شۇ مالدىن ئىككى تۈرلۈك ئاقچا (ئالتۇن ۋە كۈمۈش) ھالىتىدە پايدا ئېلىشنى كۆزلەيدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ {ئۇلارنىڭ پۇل – ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى} [سۈرە زارىيات 19-ئايەت] دېگەن سۆزى بىلەن {ئى ئىمان ئېيتقانلار! (ھالال يوق ئارقىلىق) تاپاۋەت قىلغان نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن … سەدىقە قىلىڭلار} [سۈرە بەقەرە 267-ئايەت] دېگەن سۆزىنىڭ ئومۇمىي دالالىتى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىياللاھۇ ئەنھۇغا قىلغان تۆۋەندىكى سۆزلىرى سەۋەبلىك، تىجارەت مېلىغا زاكات كېلىدۇ:
«ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ماللىرىدا ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ پېقىرلىرىغا بېرىلىدىغان سەدىقە (يەنى زاكات)نى پەرز قىلغانلىقىنى ئۇلارغا بىلدۈرگىن» [ئىمام بۇخارى (1395) ۋە ئىمام مۇسلىم (19) ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان].
ھالبۇكى، تىجارەت ماللىرىنىڭ «مال» ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھە يوق.
تىجارەت ماللىرى ئۈچۈن زاكاتنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ شەرتلىرى
- سېتىۋېلىش ياكى ھەدىيەنى قوبۇل قىلىشقا ئوخشاش ئۆز قىلمىشى ئارقىلىق مەلۇم بىر مالغا ئىگە بولغان بولۇش. ئىنساننىڭ ئۆز خاھىشىدىن ھالقىغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا كىرىپ قالغان مىراس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ماللار بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ.
- بۇ ماللارغا تىجارەت مەقسىتىدە ئىگىدارچىلىق قىلىش.
- زاكات توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ دەسلىپىدە قەيت قىلىنغان بەش شەرتتىن سىرت، بۇ ماللارنىڭ قىممىتىنىڭ نىسابقا يەتكەن بولۇشى.
تىجارەت مېلى كىشىنىڭ ئىلكىدە تۇرغىنىغا بىر يىل بولغاندىن كېيىن، بۇ ماللارنىڭ ئىككى ئاقچىدىن (يەنى ئالتۇن ياكى كۈمۈش) بىرىگە سۇندۇرۇلغاندىكى قىممىتى ھېسابلاپ چىقىلىدۇ. ئەگەر قىممىتى نىسابقا يەتسە، ئۆشرىنىڭ تۆتتىن بىرى (يەنى قىرىقتىن بىر) مىقداردا زاكات كېلىدۇ. تىجارەت مېلىنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاشتا، سېتىۋالغان ۋاقىتتىكى باھا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى، ئۇ باھا ئۆرلەپ كېتىشىمۇ، چۈشۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ماللارنىڭ بىر يىلنى توشقۇزغان چاغدىكى باھاسى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.
3. تۇپراقتىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ زاكىتى
بىرىنچى مەسىلە: تۇپراقتىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلارغا قانداق ۋاقىتتا زاكات كېلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ دەلىلى
زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەسلى دەلىل ئاللاھ تائالانىڭ {تاپاۋەت قىلغان نەرسىلىرىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىڭلار} [سۈرە بەقەرە 267-ئايەت] دېگەن سۆزىدۇر.
دانلىق زىرائەتلەرگە، پىشىپ باشىقىدىن ئايرىلغۇدەك ھالەتكە كەلگەندە زاكات كېلىدۇ. مېۋە قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا بولسا، يېگىلى بولغۇدەك دەرىجىدە پىشقان ۋاقىتتا زاكات كېلىدۇ. بۇلارغا زاكات كېلىشى ئۈچۈن بىر يىل توشقان بولۇشى شەرت ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: «مېۋە(نىڭ ھوسۇلى)نى يىغقان كۈندە، ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار» [سۈرە ئەنئام 141-ئايەت] دېگەن.
(كەمچەن، چارەك قاتارلىق) ئۆلچەم قاچىلىرى (مِكْيَلٌ) ئارقىلىق ئۆلچىنىپ، ساقلىغىلى بولىدىغان، بۇغداي، ئارپا، قوناق، گۈرۈچ، قۇرۇق خورما، كىشمىش قاتارلىق بارلىق دانلىق زىرائەت ۋە مېۋىلەرگە زاكات كېلىدۇ. لېكىن، (خورما ۋە كىشمىشكە ئوخشاش قۇرۇتۇلماستىن) يېڭى ھالىتىدە يېيىلىدىغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارغا زاكات كەلمەيدۇ. ئۆلچەم قاچىلىرى بىلەن ئۆلچىنىدىغان بۇ خىل مەھسۇلاتلارغا زاكات كېلىشىدىكى سەۋەب، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ خىل زىرائەت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ۋەسەقنى ئۆلچەم قىلغانلىقىدۇر. «ساقلىغىلى بولىدىغان» بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭدا زاكاتنىڭ پەرز بولۇشىغا مۇناسىپ بىر خۇسۇسىيەتنىڭ بولغانلىقىدىندۇر.
شۇ ۋەجىدىن، ئۆلچەم قاچىلىرى بىلەن ئۆلچەنمەيدىغان ۋە ساقلاپ ئىستېمال قىلىنمايدىغان دانلىق زىرائەت ۋە مېۋىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ.
ئىككىنچى مەسىلە: شەرتلىرى
دانلىق زىرائەتلەر ۋە مېۋىلەردە زاكاتنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن مۇنداق ئىككى شەرت ھازىرلىنىشى كېرەك:
- نىسابقا يەتكەن بولۇشى. بۇ (ئۆلچەم قاچىلىرى بىلەن ئۆلچىگىلى بولىدىغانلىرىدا) بەش ۋەسەقتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «بەش ۋەسەقتىن تۆۋەنگە سەدىقە (زاكات) يوق» [ئىمام بۇخارى (1484) ۋە ئىمام مۇسلىم (979) ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان].
ۋەسەق بىر تۆگە يۈك مىقدارى بولۇپ، بۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوللانغان سا بىلەن ئۆلچىگەندە ئاتمىش سا`دۇر. بۇنىڭغا كۆرە، بەش ۋەسەق 300 سا`غا باراۋەردۇر. شۇ بويىچە بولغاندا، سۈپەتلىك بۇغداينىڭ نىسابى (ھەر سا ئىككى كىلو 400 گرام بويىچە ھېسابلانسا) تەخمىنەن 612 كلوگرامدۇر.
- زاكات پەرز بولغان ۋاقىتتا شۇ نىسابنىڭ (زاكات بېرىدىغان كىشىنىڭ) ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشى.
ئۈچىنچى مەسىلە: پەرز بولغان مىقدار
دانلىق زىرائەت ۋە مېۋىلەردە پەرز بولغان مىقدار: يامغۇر سۈيى ياكى بۇلاق سۈيى بىلەن سۇغىرىلغان ئەھۋاللاردىكىدەك، ئىنساننىڭ جاپا-مۇشەققىتىسىز سۇغىرىلغان مەھسۇلاتلاردا زاكات مىقدارى ئوندىن بىردۇر. قۇدۇقتىن چېلەك بىلەن سۇ تارتىش ياكى تۆگىگە ئارتىپ سۇ توشۇش دېگەندەك ئىنساننىڭ جاپاسى ئارقىلىق سۇغىرىلغان مەھسۇلاتلاردا بولسا، زاكات مىقدارى ئۆشرىنىڭ يېرىمى (يەنى يىگىرمىدىن بىر)دۇر.
چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن:
«ئاسمان (يەنى يامغۇر)، دەريالار ۋە بۇلاقلار سۇغارغان ياكى مەخسۇس سۇغىرىشقا موھتاج بولمىغان نەرسىلەر ئۈچۈن زاكات مىقدارى ئوندىن بىردۇر. تۆگىلەر بىلەن ياكى سۇ توشۇش ئارقىلىق سۇغىرىلغان نەرسىلەر ئۈچۈن زاكات مىقدارى ئۆشرىنىڭ يېرىمى (يەنى يىگىرمىدىن بىر)دۇر» [ئىمام بۇخارى (1384) ۋە ئىمام ئەبۇ داۋۇد (1596) ئىبنى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ لەۋزى ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭدۇر].
تۆتىنچى مەسىلە: ھەسەلنىڭ زاكىتى
ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ جۇمھۇر (فەقىھلەرنىڭ كۆپچىلىكى)نىڭ ھەسەلگە زاكات كەلمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، كۈچلۈك قاراشمۇ مۇشۇدۇر. چۈنكى، مەيلى قۇرئاندا، ياكى سۈننەتتە، ھەسەلگە زاكات كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ۋە ئوچۇق دەلىل يوق. (بۇ جەھەتتىكى) ئۇللۇق پىرىنسىپ شۇكى، بىر نەرسە ئۈچۈن زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلا تەقدىردە، بۇ جەھەتتە مەجبۇرىيەت يۈكلەنمەيدۇ.
ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن: «<ھەسەل ئۈچۈن ئوندىن بىر (زاكات) بېرىلىدۇ> دېگەن شەكىلدىكى ھەدىس زەئىپتۇر. شۇنداقلا، ھەسەلگە زاكات كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسمۇ زەئىپتۇر. لېكىن، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدىن نەقىل قىلىنغان، مەنمۇ توغرا تاپقان قاراش، ھەسەلدىن (زاكات سۈپىتىدە ھېچنەرسە) ئېلىنمايدىغانلىقىدۇر. چۈنكى، نېمىلەردىن زاكات ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس ۋە ئەسەر (ساھابە كىرامدىن كەلگەن رىۋايەت)لەر سابىتتۇر. لېكىن، ھەسەل ھەققىدە بۇنداق رىۋايەتلەر يوق. بۇ ھەسەلدىن زاكات ئېلىنمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغاندەك قىلىدۇ».
ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ: «ھەسەل ئۈچۈن زاكات بېرىشنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىگە دائىر سابىت بولغان بىرەر دەلىل يوق» دېگەن.
بەشىنچى مەسىلە: يەر ئاستىدىن تېپىلغان بايلىق
يەر ئاستىدىن تېپىلغان بايلىق (الرِّكاز): ئالتۇن، كۈمۈش ياكى ئۈستىدە كۇفرىي بەلگىلىرى بار بولغان، پۇل-مال سەرپ قىلىپ ئىزدەلمەستىن، قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىنماستىن ۋە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىنماستىن تېپىلغان، جاھىلىيەت مەزگىلىدە كۆمۈلگەن بايلىقلاردۇر. قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن پۇل-مال سەرپ قىلىنغان ۋە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىنغان نەرسىلەر بولسا، «يەر ئاستىدىن تېپىلغان بايلىق» دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. يەر ئاستىدىن تېپىلغان بايلىقلارنىڭ مىقدارى مەيلى ئاز بولسۇن، ياكى كۆپ بولسۇن، ئۇنىڭ بەشتىن بىرى زاكات ئۈچۈن بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ «بىر يىل توشقان بولۇشى» ۋە «نىسابقا يەتكەن بولۇشى» شەرت ئەمەس.
چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «يەر ئاستىدىن تېپىۋېلىنغان بايلىقنىڭ بەشتىن بىرى (زاكات ھېسابىدا) ئېلىنىدۇ» دېگەن بۇيرۇقىنىڭ ئومۇمىي دالالىتى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ [ئىمام بۇخارى (1499) ۋە ئىمام مۇسلىم (1710) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان]. يەنە كېلىپ، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان غەنىيمەتكە ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭ مۇئەييەن بىر تۈرلۈك مالدىن بولۇشى شەرت ئەمەس. بۇ ئالتۇن، كۈمۈش ياكى شۇلاردىن باشقا ھەرقانداق بىر مالدىن بولۇشى مۇمكىن.
يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن بايلىقنىڭ جاھلىيەت دەۋرىدە كۆمۈلگەن نەرسىلەردىن بولۇشى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسىملارنىڭ يېزىلغانلىقى ۋە سۈرەتلەر نەقىشلەنگەن بولۇشى قاتارلىق كۇفرىي بەلگىلەردىن مەلۇم بولىدۇ.
مەدەن بولسا تۇپراقتا شەكىللەنگەن، ئەمما تۇپراقنىڭ بىر تۈرى بولمىغىنىدەك، ئۆسۈملۈكمۇ بولمىغان ھەر نەرسىدۇر. بۇنىڭ نېفىت ۋە قارا مايغا ئوخشاش ئېقىشچان بولۇشى بىلەن، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، كۈمۈش، سىمابقا ئوخشاش قاتتىق بولۇشى ئارىسىدا پەرق يوقتۇر. ئالدىدىمۇ قەيت قىلىنغىنىدەك، بۇ تۈردىكى نەرسىلەر (يەنى مەدەن) ئۈچۈن زاكات كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىجما باردۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ «تاپاۋەت قىلغان نەرسىلىرىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىڭلار» [سۈرە بەقەرە 267-ئايەت] دېگەن سۆزىگە ئوخشاش، يەردىن چىقىدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن زاكاتنىڭ پەرزلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنىڭ ئومۇمىي ھۆكمى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
4. مال-چارۋىلارنىڭ زاكىتى
مال-چارۋىلار: تۆگە، كالا ۋە قوي تۈرلىرىدۇر. سۇ كالىسىمۇ كالا تۈرىگە تەۋەدۇر. «قوي» تۈرى بولسا، ھەم قوينى، ھەم ئۆچكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنچى مەسىلە: مال-چارۋىلار ئۈچۈن زاكات پەرز بولۇشنىڭ شەرتلىرى
مال-چارۋىلاردا زاكاتنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك:
- مال-چارۋىلارنىڭ سانى شەرئىي نىسابقا يەتكەن بولۇش. بۇ نىساب (زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم) تۆگە ئۈچۈن بەش، كالا ئۈچۈن ئوتتۇز، قوي ۋە ئۆچكە ئۈچۈن قىرىقتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «بەش تۇياقتىن ئاز تۆگىگە زاكات يوق» دېگەن ھەدىسى [ئىمام بۇخارى (1447) ۋە ئىمام مۇسلىم (979) ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان]؛ مۇئاز رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى يەمەن خەلقىنىڭ زاكىتىنى يىغىشقا ئەۋەتتى، مېنى ھەر ئوتتۇز كالىدىن بىر ياشلىق بىر كالا، ھەر قىرىق كالىدىن ئىككى ياشلىق بىر كالا ئېلىشقا بۇيرۇدى» دېگەن ھەدىس [ئىمام ئەھمەد (240/5)، ئىمام ئەبۇ داۋۇد (1576)، ئىمام تىرمىزى (623) ۋە باشقا ئىماملار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس. شەيخ ئەلبانى «ئىرۋائۇل غەليل» (795)دە «سەھىھ» دەپ باھالىغان]؛ شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئەگەر بىراۋنىڭ ئوتلاقتا بېقىلغان قويىنىڭ سانى قىرىقتىن ئاز بولسا، ئۇلارغا سەدىقە (زاكات) كەلمەيدۇ» [ئىمام بۇخارى (1454) رىۋايەت قىلغان] دېگەن ھەدىسى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
- مال-چارۋىلارنىڭ نىسابقا يەتكەن ھالدا، ئىگىسىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بىر يىل تۇرغان بولۇشى. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «مالغا (كامىل) بىر يىل ئۆتمىگۈچە زاكات يوق» [ئىمام تىرمىزى (631) ۋە ئىبنى ماجە (1792) رىۋايەت قىلغان بولۇپ، شەيخ ئەلبانى «ئىراۋائۇل غەليل» 787-نومۇردا «سەھىھ» دەپ باھالىغان] دېگەن ھەدىسى شۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
- مال-چارۋىلارنىڭ ئوتلاقتا بېقىلغان (سائمة) بولۇشى. سائمة (ئوتلاقتا بېقىلغان مال-چارۋا) ـــ ھېچكىمنىڭ تېرىشىغا موھتاج بولماستىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن شەكىللەنگەن ئوتلاقلاردا يىلبويى ياكى بىر يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا ئوتلىغان ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «ئوتلاقتا بېقىلغان قويلارنىڭ سانى قىرىققا يەتسە، 120 قويغا قەدەر بىر قوي زاكات ئېلىنىدۇ» [ئىمام بۇخارى (1454) رىۋايەت قىلغان]. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئوتلاقتا بېقىلغان ھەر قىرىق تۆگە ئۈچۈن ئۈچ ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە زاكات ئېلىنىدۇ» دېگەن سۆزىمۇ شۇنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر بۇ ھايۋانلار ئوتلاقتا بىر يىلدىن ئاز مۇددەت بېقىلسا ۋە يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىگىسى ئۇلارنى يەم بېرىپ باقسا، بۇلار «ئوتلاقتا بېقىلغان مال-چارۋا» ھېسابلانمايدۇ ۋە بۇلارغا زاكات كەلمەيدۇ.
- بۇ ھايۋانلار ئىگىسى تەرىپىدىن يەر ئاغدۇرۇش، نەرسە-كېرەك ۋە ئېغىر يۈكلەرنى توشۇش دېگەندەك ئىشلارغا سېلىنمايدىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، بۇ خىل ئىشلار ئۈچۈن پايدىلىنىلغان ھايۋانلار ئىنساننىڭ كىيىم-كېچىكىگە ئوخشاش زۆرۈر ئېھتىياجلىرى قاتارىغا كىرىدۇ. ئەگەر بۇ ھايۋانلار ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن بېقىلسا، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە، شۇنىڭدىن قىلىنغان تاپاۋەتكە زاكات كېلىدۇ.
ئىككىنچى مەسىلە، زاكات كېلىدىغان مىقدار
- تۆگىلەر ئۈچۈن پەرز بولغان زاكات مىقدارى:
پەرز بولغان زاكات مىقدارى جەھەتتە، بەش تۆگىگە ئىككى ياشقا قاراپ ماڭغان (يەنى بىر ياشقا توشقان، ئەمما تېخى ئىككى ياشقا كىرمىگەن) بىر قوي ياكى ئۈچ ياشقا قاراپ ماڭغان بىر ئۆچكە زاكات كېلىدۇ. ئون تۆگىگە ئىككى قوي، 15 تۆگىگە ئۈچ قوي، يىگىرمە تۆگىگە تۆت قوي زاكات كېلىدۇ. سانى 25 تىن 35 كىچە بولغان تۆگىگە، ئىككى ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ. ئەگەر بۇ ياشتىكى چىشى تۆگە تېپىلمىسا، ئۈچ ياشقا قاراپ ماڭغان ئەركەك تۆگە زاكات كېلىدۇ. سانى 36 دىن 45 كىچە بولغان تۆگىگە، ئىككى ياشقا توشقان بىر چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ.
سانى 46 دىن 60 قىچە بولغان تۆگىگە، ئۈچ ياشقا توشۇپ، تۆت ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ.
سانى 61 دىن 75 كىچە بولغان تۆگىگە، تۆت ياشقا توشۇپ، بەش ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ.
سانى 76 دىن 90 غىچە بولغان تۆگىگە، ئىككى ياشقا توشۇپ، ئۈچ ياشقا قاراپ ماڭغان ئىككى چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ.
سانى 91 دىن 120 گىچە بولغان تۆگىگە، تۆت ياشقا كىرگەن ئىككى چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ.
ئەگەر تۆگىلەرنىڭ سانى 120 دىن كۆپ بولسا، ھەر قىرىق تۆگە ئۈچۈن، ئىككى ياشقا توشۇپ، ئۈچ ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە؛ ھەر ئەللىك تۆگە ئۈچۈن، ئۈچ ياشقا توشۇپ، تۆت ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ. چۈنكى، ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يازما زاكات كۆرسەتمىسى توغرىسىدىكى ھەدىس شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
مەزكۇر ھەدىستە شۇنداق دېيىلگەن: «24 ياكى شۇنىڭدىنمۇ ئاز بولغان تۆگىلەردە، ھەر بەش تۆگە ئۈچۈن بىر قوي (زاكات) بېرىلىدۇ. تۆگىنىڭ سانى 25 كە يەتسە، سانى ئوتتۇزغا يەتكەنگە قەدەر، ئىككى ياشلىق بىر چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ…» [ئىمام بۇخارى (1454) رىۋايەت قىلغان].
تۆگىلەرگە كېلىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى تۆۋەندىكىچە:
- تۆگىنىڭ سانى 5~10 ئارىسىدا بولسا، بىر قوي.
- تۆگىنىڭ سانى 10~14 ئارىسىدا بولسا، ئىككى قوي.
- تۆگىنىڭ سانى 15~19 ئارىسىدا بولسا، ئۈچ قوي.
- تۆگىنىڭ سانى 20~24 ئارىسىدا بولسا، تۆت قوي.
- تۆگىنىڭ سانى 25~35 ئارىسىدا بولسا، ئىككى ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە.
- تۆگىنىڭ سانى 36~45 ئارىسىدا بولسا، ئۈچ ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە.
- تۆگىنىڭ سانى 46~60 ئارىسىدا بولسا، تۆت ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە.
- تۆگىنىڭ سانى 61~75 ئارىسىدا بولسا، بەش ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە.
- تۆگىنىڭ سانى 76~90 ئارىسىدا بولسا، ئۈچ ياشقا قاراپ ماڭغان ئىككى چىشى تۆگە.
- تۆگىنىڭ سانى 91~120 ئارىسىدا بولسا، تۆت ياشقا قاراپ ماڭغان ئىككى چىشى تۆگە.
ئەگەر تۆگىلەرنىڭ سانى 120 دىن كۆپ بولسا، ھەر قىرىق تۆگە ئۈچۈن، ئىككى ياشقا توشۇپ، ئۈچ ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە؛ ھەر ئەللىك تۆگە ئۈچۈن، ئۈچ ياشقا توشۇپ، تۆت ياشقا قاراپ ماڭغان بىر چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ.
- قويلار ئۈچۈن بېرىش كېرەك بولغان زاكات مىقدارى:
قويلارنىڭ سانى 40 تىن 120 گىچە بولسا بىر قوي؛ 121 دىن 200 گىچە بولسا، ئىككى قوي؛ 201 دىن 300 گىچە بولسا ئۈچ قوي زاكات كېلىدۇ. شۇ مىقدارغا يەتكەندىن كېيىن، زاكات پەرز بولىدىغان مىقدار مۇقىم رەۋىشتە داۋاملىشىپ، قوي سانىنىڭ قانچىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر يۈز قوي ئۈچۈن بىر قوي زاكات كېلىدۇ.
بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، زاكاتقا ئالاقىدار يازما كۆرسەتمىنى رىۋايەت قىلغان ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى كۆرسەتمىدۇر. مەزكۇر ھەدىستە شۇنداق دېيىلگەن:
«قويلارنىڭ زاكىتىغا كەلسەك، ئوتلاقتا بېقىلغان قويلارنىڭ سانى قىرىققا يەتسە، سانى 120 گە يەتكەنگە قەدەر، بىر قوي زاكات كېلىدۇ. سانى 120 دىن ئاشسا، 200 گە يەتكەنگە قەدەر، ئىككى قوي زاكات كېلىدۇ. سانى 200 دىن ئاشسا، 300 گە يەتكەنگە قەدەر، ئۈچ قوي زاكات كېلىدۇ. سانى 300 دىن ئاشسا، ھەر يۈز قوي ئۈچۈن بىر قوي زاكات كېلىدۇ» [ئىمام بۇخارى (1454) رىۋايەت قىلغان].
قويلارغا كېلىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى تۆۋەندىكىچە:
- قوينىڭ سانى 40~120 ئارىسىدا بولسا، بىر قوي.
- قوينىڭ سانى 121~200 ئارىسىدا بولسا، ئىككى قوي.
- قوينىڭ سانى 201~300 ئارىسىدا بولسا، ئۈچ قوي.
قويلارنىڭ سانى شۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ھەر يۈز قوي ئۈچۈن بىر قوي زاكات كېلىدۇ.
ئۈچىنچى مەسىلە: زاكات كېلىدىغان مال-چارۋىلارنىڭ سۈپىتى
ئىسلام ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئادالەتلىك قانۇنلىرى ئارقىلىق، پېقىرلارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن بايلارنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغان. شۇ ۋەجىدىن، پېقىرلارنىڭ ئۆز ھەققىنى كېمەيتىلمەستىن تولۇق ئېلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايلارنىڭ ئۆز ماللىرىدىكى ھوقۇقلىرىنىمۇ نەزەردە تۇتۇشقا ئۈندىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، زاكات سۈپىتىدە ئېلىنىدىغان ماللارنىڭ بايلارنىڭ مېلى ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشىلىرى ۋە ئەڭ ناچارلىرى بولماستىن، ئوتتۇراھاللىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى بېكىتكەن. شۇ سەۋەبتىن، زاكات يىغىشقا تەيىنلەنگەن كىشى زاكات سۈپىتىدە ئېلىنىدىغان مال-چارۋىلارنىڭ يېشىنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى، شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ياشقا توشمىغان مال (زاكات سۈپىتىدە) ئېلىشقا يارىمايدۇ، چۈنكى بۇ (شۇ زاكات بېرىلىدىغان) پېقىرلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ياشتىن چوڭ بولغان ماللارنى ئېلىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ بايلارغا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
كېسەل، ئەيىبى بار ياكى بەك قېرىپ كەتكەن مال زاكات سۈپىتىدە ئېلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق مال-چارۋىلارنىڭ پېقىرلارغا پايدىسى تەگمەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، سويۇپ يېيىش ئۈچۈن بېقىلغان، سېمىز ۋە گۆشى تەملىك بولغان ماللارنى، بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ماللارنى، بوغاز ماللارنى، سورتلۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىنىلىدىغان ئەركەك ماللارنى ۋە ماللارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئېلىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلار ئەڭ قىممەتلىك مال-چارۋىلار بولۇپ، بۇلارنى ئېلىۋېلىش بايلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئېلىۋېلىشتىن ساقلانغىن» دېگەن [ئىمام بۇخارى (1395) ۋە ئىمام مۇسلىم (19) ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان]. شۇنداقلا، ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ ئۆزى زاكات يىغىشقا تەيىنلىگەن سۇفيانغا شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «قەۋمىڭگە ئېيتقىنكى: بىز بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان مالنى، بوغاز مالنى، گۆشىنى يېيىش ئۈچۈن بېقىلغان مالنى ۋە سورتلۇق مال يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بېقىلغان قوچقارنى سىلەرگە قالدۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىلەردىن (قوي تۈرىدىن) ئىككى ياشقا كىرگەن ۋە ئۈچ ياشقا كىرگەنلىرىنى ئالىمىز. بۇ سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى، مال جەھەتتىكى ئوتتۇرا يولدۇر».
تۆتىنچى مەسىلە: مال-چارۋىلارنىڭ ئارىلاش بولۇشى
بۇ ئىككى خىل بولىدۇ:
بىرىنچىسى، ئورتاق ئىگىدارچىلىقتىكى مال-چارۋىلارنىڭ ئارىلاش بولۇشى. بۇ مال-چارۋىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئىككى كىشىگە ئورتاق تەۋە بولغان، بىرىنىڭ ئۈلۈشى يەنە بىرىنىڭكىدىن ئايرىم بولمىغان ئەھۋالدۇر. بۇ خىل ئورتاق ئىگىدارچىلىق مىراس ئارقىلىق بولۇشىمۇ، سېتىۋېلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىشىمۇ مۇمكىن.
ئىككىنچىسى، سۈپەتتىكى ئارىلاشلىق. بۇ شېرىكلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈلۈشى ئايرىم ۋە ئېنىق بولغان، پەقەت ئورۇن جەھەتتە يېقىن بولغانلىقى سەۋەبلىكلا، مال-چارۋىلىرى بىر يەردە بولغان ئەھۋالدۇر.
بۇ ئىككىلا خىل ئەھۋالدا، بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن مال-چارۋىلار ـــ ئەگەر ماللارنىڭ ئومۇمىي سانى نىسابقا يەتسە ھەمدە مال-چارۋىلىرى ئارىلىشىپ كەتكەنلەر ئۆزىگە زاكات بېرىش پەرز بولىدىغان كىشىلەردىن بولسا ـــ ھۆكۈمدە بىرلا ئادەمنىڭ مېلىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر، بۇ ئىككىسى (يەنى مال ئىگىلىرى)دىن بىرى كاپىر بولسا، بۇ خىل ئارىلىشىش كۈچكە ئىگە بولمايدۇ ۋە بۇنىڭ ھېچقانداق تەسىرىمۇ بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن ئىككى مال-چارۋىلارنىڭ (ئېغىل دېگەندەك) تۇرىدىغان جايلىرىمۇ، ئوتلىغان ئوتلاقلىرىمۇ ئوخشاش بولۇشى؛ ئوتلاقتىن تەڭ قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان، تەڭ سېغىلىدىغان ۋە بىللە ئوتلىتىلىدىغان بولۇشى؛ سورتلۇق نەسل يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان مالنىڭمۇ ئۆزئارا تەڭ ئىشلىتىلىشى شەرتتۇر.
ئەنە شۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرلانسا، ھەر ئىككى توپ مال-چارۋا، ئارىلىشىش سەۋەبىدىن، (بىرلا ئادەمگە تەۋە بولغان) بىر توپ مالنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «زاكات (مىقدارىنىڭ ئېشىپ ياكى كېمىيىپ كېتىشى) ئەندىشىسى سەۋەبلىك، ئايرىم بولغان (مال-چارۋىلار)نى بىر يەرگە توپلاشقا، بىر يەردىكىنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ماللىرى ئارىلاش بولغانلارنىڭ (بىرى ئارتۇق، يەنە بىرى كەم بەرگەن ئەھۋال كۆرۈلسە) ئۆزئارىسىدا (مال-چارۋىلىرىنىڭ نىسبىتى بويىچە) ھەقلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ» [ئىمام تىرمىزى (621) ۋە باشقىلار توپلىغان؛ ئىمام تىرمىزى ھەسەن، دېگەن. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زاكات توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. شەيخ ئەلبانى «ئىرۋائۇل غەليل» (792)دە سەھىھ، دېگەن].
چۈنكى، مال-چارۋىلارنىڭ ئارىلاش بولۇشى زاكاتنىڭ پەرز بولۇشىغىمۇ، ساقىت بولۇشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ پەقەت مال-چارۋىلارغىلا خاس بولۇپ، باشقا زاكات ماللىرىغا تەدبىقلانمايدۇ.
ئايرىم بولغان مال-چارۋىلارنى توپلاشقا بىر مىسال: ھەربىرىنىڭ قىرىقتىن قويى بار بولغان ئۈچ كىشى بار دەپ تۇرايلى. بۇلارنىڭ قويلىرى جەمئىي 120 بولىدۇ. ئەگەر بىز بۇ ئۈچىنىڭ قويلىرىنى ئايرىم-ئايرىم مال دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا ئۇلارغا (ھەربىرىگە بىردىن) ئۈچ قوي زاكات كېلىدۇ. ئەمما، قويلارنى بىر يەرگە توپلىغاندا، بۇلارغا پەقەت بىرلا قوي زاكات كېلىدۇ. ئەنە شۇ خىل ئەھۋالدا، بۇ ئۈچەيلەن ئۆزلىرىگە ئۈچ قوي ئەمەس، بىر قوي زاكات كېلىشى ئۈچۈن قويلىرىنى بىر يەرگە توپلىۋالغان بولىدۇ.
بىر يەردىكى ماللارنى ئايرىۋېتىشكە بىر مىسال: بىر كىشىنىڭ قىرىق قويى بار دەپ تۇرايلى. ئۇ زاكات يىغۇچىنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ قويلارنىڭ يىگىرمىسىنى بىر يەرگە، قالغان يىگىرمىسىنى يەنە باشقا يەرگە ئايرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئىككىلىسى نىسابقا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇلارغا زاكات كەلمەيدۇ.