ئەبۇ ئۇمارە بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئى پالانچى! سەن (ئۇخلاش ئۈچۈن) ياتىدىغان چېغىڭدا، ‹ئى ئاللاھ! ئۆزۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم، سېنىڭ ساۋابىڭنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىڭدىن قورقۇپ، سەن تەرەپكە يۈزلەندىم. ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم. ئۆزۈمنىڭ سېنىڭ قوغدىشىڭغا يۆلىدىم. پاناھگاھ ۋە قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭسەن. سېنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىڭغا ۋە سەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم› دەپ ياتقىن. ئەگەر شۇ كېچىسى ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئىمان بىلەن ئۆلىسەن. ئەگەر، تاڭ ئاتقۇزساڭ ياخشىلىق ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇزىسەن.» hedisim.com (بۇخارى 6313،6315؛ مۇسلىم 2710؛ رىيازۇس سالىھىن 80)