پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچىسى ئەبۇ ھەمزە ئەنەس ئىبن مالىك ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ قىلغان تەۋبىسىدىن سىلەرنىڭ بىرىڭلار دالادا تۆگىسىنى يوقىتىپ قويۇپ تېپىۋالغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىقىدىنمۇ ئارتۇق خۇشال بولىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، رىيازۇس سالىھىن 15