ھەدىس | «كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقىدىن بىرىنى راۋا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقىنى يوق قىلىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىقتا قالغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ»

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

«كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقىدىن بىرىنى راۋا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقىنى يوق قىلىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىقتا قالغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. مۆمىن بەندە دىنىي قېرىندىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى مۇددەتتە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. مۆمىنلەردىن كىمكى دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش يولىغا كىرسە، بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بىر توپ مۆمىن كىشى ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە توپلىنىپ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇسا ۋە ئۇنى ئۆز-ئارا دەرسلىك قىلىپ ئۆگەنسە، چوقۇمكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خاتىرجەملىك چۈشىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت قورشايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ، ئاللاھ ئۆز دەرگاھدىكىلەرگە ئۇلارنى ماختاپ بېرىدۇ. ئەمەل-ئىبادىتى (كەمتۈكلۈك ۋە ناقىسلىق سەۋەبلىك) ئارقىدا قويغان كىشىنى، نەسەبى ئۈستۈن قىلالمايدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 2699؛ رىيازۇس سالىھىن 245)

عَنْ أَبي هُرَيرَة رضي الله عنه عَنِ النبي ﷺ قَالَ: (مَنْ نَفَّسَ عَنْ مُؤمِن كُربَةً مِن كُرَبِ الدُّنيَا نَفَّسَ اللهُ عَنهُ كُربَةً مِنْ كرَبِ يَوم القيامَةِ، وَمَنْ يَسَّرَ على مُعسرٍ يَسَّرَ الله عَلَيهِ في الدُّنيَا والآخِرَة، وَمَنْ سَتَرَ مُسلِمَاً سَتَرَهُ الله في الدُّنيَا وَالآخِرَة، وَاللهُ في عَونِ العَبدِ مَا كَانَ العَبدُ في عَونِ أخيهِ، وَمَنْ سَلَكَ طَريقَاً يَلتَمِسُ فيهِ عِلمَاً سَهَّلَ اللهُ لهُ بِهِ طَريقَاً إِلَى الجَنَّةِ، وَمَا اجتَمَعَ قَومٌ في بَيتٍ مِنْ بيوتِ اللهِ يَتلونَ كِتابِ اللهِ وَيتَدارَسونهَ بَينَهُم إِلا نَزَلَت عَلَيهُم السَّكينَة وَغَشيَتهم الرَّحمَة وحَفَتهُمُ المَلائِكة وَذَكَرهُم اللهُ فيمَن عِندَهُ،وَمَنْ بَطَّأ بِهِ عَمَلُهُ لَمْ يُسْرِعْ بهِ نَسَبُهُ ) رواه مسلم بهذا اللفظ

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ