ھەدىس | «ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق»

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق.» hedisim.com [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]. فقد قال صلى الله عليه وسلم : “ لا طاعة لمخلوق في معصية الخالق

ئاللاھتىن باشقا بارچە مەۋجۇدات مەخلۇقتۇر. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى — ئەگەر بىرەر كىشىگە ئىتائەت قىلسىڭىز ياكى بىرەر تۈزۈم، قائىدىگە رىئايە قىلسىڭىز، بۇ ئىتائەت قىلىشىڭىز ياكى رىئايە قىلىشىڭىز ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا زىت بولغان تەقدىردە، بۇ خىل ئىتائەت ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ، كىشىنى دوزاخقا كىرگۈزىدىغان گۇناھلىق يامان ئەمەللەردىن بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق كىشىنىڭ ياكى تۈزۈلمىنىڭ بۇيرۇقى ئاللاھقا ئاسىيلىققا ئېلىپ بارسا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس، دېگەنلىكتۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ