ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«رۇكۇدا ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنى ئۇلۇغلاڭلار. سەجدىدە دۇئا قىلىشقا غەيرەت قىلىڭلار. چۈنكى، (سەجدىدە قىلىنغان دۇئا) قوبۇل بولۇشقا تېخىمۇ يېقىندۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 738؛ رىيازۇس سالىھىن 1427)
- تەنبىھ: ھەدىسلەرنى كۆپ بىلىپ بولالمىغان ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەقسىتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرالمىغان بەزى مۇسۇلمانلار نورمال ھالەتتە دۇئا قىلماقچى بولسا سەجدە قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىدىغانلىقى مەلۇم. بەزى بىرەسمىي ئاپتورلارنىڭ يازغانلىرىدىمۇ دەل مۇشۇنداق دۇئا قىلىش بايان قىلىنغان. بۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى مۇشۇ ھەدىسنى تامامەن خاتا چۈشەنگەنلىكتىن كەلگەن. لەۋزىدىن ئوپئوچۇق مەلۇم بولغىنىدەك، يۇقىرىقى ھەدىس ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى ئۈچۈن قىلىنغان تەۋسىيەدۇر. نامازنىڭ سىرتىدا دۇئا قىلماقچى بولسا سەجدە قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر قىلمىغان بىدئەت ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقتۇر، بۇنى ئاز كەلدى دەپ ئوچۇق مەنىدىكى مەزكۇر ھەدىسنى توغرا چۈشىنىشكىمۇ ئەقىل يار بەرمەسلىكتەك نادانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ ۋەجىدىن، مۇسۇلمانلارنى بۇ ۋە بۇنىڭدەك قەبىھ بىدئەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىمىز.