ھەدىس | «ئىچىدە ئاللاھ زىكىر قىلىنىدىغان ئۆي بىلەن ئاللاھ زىكىر قىلىنمايدىغان ئۆينىڭ مىسالى — تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر»

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«رەببىنى زىكىر قىلىدىغان كىشى بىلەن رەببىنى زىكىر قىلمايدىغان كىشىنىڭ مىسالى — تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر.» hedisim.com (بۇخارى 5928؛ رىيازۇس سالىھىن 1434)

مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:«ئىچىدە ئاللاھ زىكىر قىلىنىدىغان ئۆي بىلەن ئاللاھ زىكىر قىلىنمايدىغان ئۆينىڭ مىسالى — تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 1299؛ رىيازۇس سالىھىن 1434)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ