ھەدىس | «شۇنىڭدا شۈبھە يوقكى، ئاللاھ تەقۋادار، قانائەتكار، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كۆپ كۆرۈنمەيدىغان بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ»

سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«شۇنىڭدا شۈبھە يوقكى، ئاللاھ تەقۋادار، قانائەتكار، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كۆپ كۆرۈنمەيدىغان بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ.»  hedisim.com (مۇسلىم 2965؛ رىيازۇس سالىھىن 597)

* ھە دېسىلا نام چىقىرىش، شۆھرەت قازىنىشقا خۇشتار كىشىلەرنى بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ئاللاھ يامان كۆرىدۇ. نام شۆھرەتكە خۇشتارلىق ئاللاھنى ئۇلۇغلىمايدىغانلارنىڭ ۋە رىياكارلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ