ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رامزاندا تۇتالماي قالغان قازا روزىلىرىم بولاتتى. تۇتالماي قالغان روزىلىرىمنى پەقەتلا شەئبان ئېيىدا تولۇقلاپ تۇتۇۋالالايتتىم.» بۇ ھەدىس راۋىيلىرىدىن يەھيا مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بۇنداق كېچىكتۈرۈشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى (يەنى ئۇ زاتقا خىزمەت قىلغانلىقى) سەۋەبلىك بولاتتى. hedisim.com(بۇخارى 1950؛ مۇسلىم 1146؛ ئەبۇ داۋۇد 2399؛ تىرمىزى؛ نەسائىي؛ ئىبنى ماجە 1669؛ ئىمام ئەھمەد 6-188)