ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئۆلگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئوغلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ دادىسىنى كېپەنلەش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۆڭلىكىنى سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا كۆڭلىكىنى بەردى. ئاندىن ئۇ دادىسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەكچى بولۇپ تۇردى. لېكىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىيىمىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ سېنى ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن توسقان تۇرسا، يەنە ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرەمسەن؟» دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما (بەرىبىر ئوخشاش)، ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغفىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»(سۈرە تەۋبە 80-ئايەت) دېگەن، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتمىش قېتىمدىن ئارتۇقراق مەغفىرەت تەلەپ قىلىمەن،-دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:«ئۇ دېگەن مۇناپىق» دېدى. لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ تائالا «(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى. (بۇخارى 4670)