ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇسەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز بىر ئەھلى كىتاب قەۋمىنىڭ زېمىنىدا ياشايمىز. ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدىن تاماق يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدىن يېمەڭلار. بىراق، باشقا چېنە-قاچا تاپالمىساڭلار ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەڭلار» دېدى. hedisim.com (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ، بۇلۇغۇلمەرام 19)