عن عائشة رضي الله عنها أن النبي صلى الله كان َيُصَلِّي تِسْعَ رَكَعَاتٍ لا يَجْلِسُ فِيهَا إِلا فِي الثَّامِنَةِ فَيَذْكُرُ اللَّهَ وَيَحْمَدُهُ وَيَدْعُوهُ ثُمَّ يَنْهَضُ وَلا يُسَلِّمُ ثُمَّ يَقُومُ فَيُصَلِّ التَّاسِعَةَ ثُمَّ يَقْعُدُ فَيَذْكُرُ اللَّهَ وَيَحْمَدُهُ وَيَدْعُوهُ ثُمَّ يُسَلِّمُ تَسْلِيمًا يُسْمِعُنَا
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم توققۇز رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، بۇ نامىزىدا تاكى سەككىزىنجى رەكئەت تۈگىگىچە (تەشەھھۇدتا) ئولتۇرمايتتى. بۇ چاغدا ئۇ زات ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى، ئاللاھقا ھەمد ئوقۇپ، دۇئا قىلاتتى. ئاندىن، سالام بەرمەستىن توققۇزىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئورنىدىن تۇراتتى. ئاندىن (توققۇزىنچى رەكئەتنىڭ تەشەھھۇدىدا) ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى، ئاللاھقا ھەمد ئېيتاتتى ۋە دۇئا قىلاتتى. ئاندىن بىز ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ) سالام بېرىپ نامىزىنى تۈگىتەتتى. hedisim.com(مۇسلىم 746)
ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
hedisim.com | فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com