ۋىتىر نامىزى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

عن عائشة رضي الله عنها أن النبي صلى الله كان َيُصَلِّي تِسْعَ رَكَعَاتٍ لا يَجْلِسُ فِيهَا إِلا فِي الثَّامِنَةِ فَيَذْكُرُ اللَّهَ وَيَحْمَدُهُ وَيَدْعُوهُ ثُمَّ يَنْهَضُ وَلا يُسَلِّمُ ثُمَّ يَقُومُ فَيُصَلِّ التَّاسِعَةَ ثُمَّ يَقْعُدُ فَيَذْكُرُ اللَّهَ وَيَحْمَدُهُ وَيَدْعُوهُ ثُمَّ يُسَلِّمُ تَسْلِيمًا يُسْمِعُنَا

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم توققۇز رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، بۇ نامىزىدا تاكى سەككىزىنجى رەكئەت تۈگىگىچە (تەشەھھۇدتا) ئولتۇرمايتتى. بۇ چاغدا ئۇ زات ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى، ئاللاھقا ھەمد ئوقۇپ، دۇئا قىلاتتى. ئاندىن، سالام بەرمەستىن توققۇزىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئورنىدىن تۇراتتى. ئاندىن (توققۇزىنچى رەكئەتنىڭ تەشەھھۇدىدا) ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى، ئاللاھقا ھەمد ئېيتاتتى ۋە دۇئا قىلاتتى. ئاندىن بىز ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ) سالام بېرىپ نامىزىنى تۈگىتەتتى. hedisim.com (مۇسلىم 746)

 (صَلاةُ اللَّيْلِ مَثْنَى مَثْنَى فَإِذَا خَشِيَ أَحَدُكُمْ الصُّبْحَ صَلَّى رَكْعَةً وَاحِدَةً تُوتِرُ لَهُ مَا قَدْ صَلَّى ) (رواه البخاري 911  ومسلم 749)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كېچىنىڭ نامىزى ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. بىرىڭلار تاڭ يورۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە (ۋىتىرنى) بىر رەكئەت ئوقۇش بىلەن (ئىككى رەكئەتتىن) ئوقۇغىنىنى تاق قىلسۇن.» hedisim.com(بۇخارى 911؛ مۇسلىم 749)

ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدە ھەدىس سۆزلەپ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: الوِتْرُ حَقٌّ، فَمَن لَمْ يُوتِرْ فَلَيْسَ مِنّا «ۋىتىر (مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدىكى) ھەقتۇر. كىم ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇمىسا بىزدىن ئەمەس.» hedisim.com (ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامدا بۇ ھەدىسنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ ئەبۇ داۋۇد 1419؛ ھاكىم-مۇستەدرەك 1146)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كېچىدە ئوقۇلىدىغان (نەپلە)  ناماز ئىككى رەكئەت-ئىككى رەكئەتتىن بولىدۇ. تاڭ كىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن كىشى، بۇ نامازنى بىر رەكئەت ئوقۇۋالسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 472، مۇسلىم 749)

 قال النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( الْوِتْرُ رَكْعَةٌ مِنْ آخِرِ اللَّيْلِ ) رواه مسلم (752)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋىتىر نامىزى بىر رەكئەتتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 752)

قال رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( مَنْ خَافَ أَنْ لا يَقُومَ مِنْ آخِرِ اللَّيْلِ فَلْيُوتِرْ أَوَّلَهُ وَمَنْ طَمِعَ أَنْ يَقُومَ آخِرَهُ فَلْيُوتِرْ آخِرَ اللَّيْلِ فَإِنَّ صَلاةَ آخِرِ اللَّيْلِ مَشْهُودَةٌ وَذَلِكَ أَفْضَلُ ) رواه مسلم (755)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئۈچۈن ئويغۇنالماي قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشى، ۋىتىرنى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئوقۇۋالسۇن. كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئويغۇنالىشىغا ئىشەنچ قىلغان كىشى ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇسۇن. ھەقىقەتەن، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلغان نامازغا (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) گۇۋاھچىلىق بولىدۇ، بۇ چاغدا ناماز ئوقۇش تېخىمۇ ياخشىدۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 755)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىدە ئون ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنىڭ بەش رەكئىتىنى ۋىتىر سۈپىتىدە ئوقۇپ، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى رەكئەتتىلا تەشەھھۇدتا ئولتۇراتتى. hedisim.com (مۇسلىم 737) ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەتتە رەكئەت ياكى بەش رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى. (يەتتە رەكئەتلىك ياكى بەش رەكئەتلىك) بۇ ۋىتىر نامازلىرىنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەنمۇ، گەپ قىلىش بىلەنمۇ ئايرىمايتتى. hedisim.com (ئىبنى ماجە 1192؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇ سۇنەنى ئىبنى ماجە› 980-دە سەھىھ دېگەن)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «لَا تُوتِرُوا بِثَلَاثٍ تُشَبِّهُوا بِالْمَغْرِبِ» «ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇماڭلار.» hedisim.com(داراقۇتنى 2-24،25؛ ھاكىم 1-304؛ بەيھەقى 3-28؛ بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى بەيھەقىنىڭ. ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن؛ زەھەبىمۇ بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئىبنى ھەجەر ‹فەتھۇل بارى› 2-558 دا ‹بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى بۇخارى ۋە مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ› دېگەن)

فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن: 

 ۋىتىر نامىزىنى ئەڭ كامىدا بىر رەكئەتتۇر. چۈنكى، ئىبنى ئۇمەر ۋە ئىبنى ئابباستىن مەرفۇئ ھالدا مۇنۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان:«ۋىتىر كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلىدىغان بىر رەكئەتلىك نامازدۇر.» (مۇسلىم 752-753)

ۋىتىرنى ئۈچ رەكئەت ئوقۇشمۇ دۇرۇس. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق بايان قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنى قانچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەل، قانچىلىك دەرىجىدە ئۇزۇن ئوقۇغانلىقىنى سورىمايلا قوي. ئاندىن يەنە تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنى قانچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەل، قانچىلىك دەرىجىدە ئۇزۇن ئوقۇغانلىقىنى سورىمايلا قوي. ئاندىن يەنە ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.(مۇسلىم 738)

بۇ ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىنى ئىككى سالام بىلەن ئوقۇش دۇرۇس. (يەنى ئىككى رەكئەت ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىپ نامازدىن چىقىپ، ئاندىن يەنە ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ ناماز باشلاپ بىر رەكئەت ئوقۇش دۇرۇس.) چۈنكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىككى رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا سالام بېرەتتى. ھەتتا (سالامدىن كېيىن) (ئائىلىسىدىكىلەرنى )بەزى ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن بۇيرۇيتتى. (بۇخارى 991) بۇ ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىنى بىرلا تەشەھھۇد ۋە بىرلا سالام بىلەنلا ئوقۇشمۇ دۇرۇس. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن كەلگەن ھەدىستە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، پەقەت ئاخىرقى رەكئەتتىلا (تەشەھھۇد ئۈچۈن) ئولتۇراتتى. (نەسەئىي 3-324؛ ھاكىم 1-304؛ بەيھەقى 3-28؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئىمام نەۋەۋى ‹بۇ ھەدىسنى نەسەئىي ھەسەن سەنەد بىلەن، بەيھەقى سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان› دېگەن. ئەلمەجمۇئ 4-17،18)

ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى ئىككى تەشەھھۇد ۋە بىر سالام بىلەن ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزى بۇ شەكىلدە ئوقۇلسا شام نامىزىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇش چەكلەنگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «لَا تُوتِرُوا بِثَلَاثٍ تُشَبِّهُوا بِالْمَغْرِبِ»«ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇماڭلار.» (داراقۇتنى 2-24،25؛ ھاكىم 1-304؛ بەيھەقى 3-28؛ بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى بەيھەقىنىڭ. ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن؛ زەھەبىمۇ بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئىبنى ھەجەر ‹فەتھۇل بارى› 2-558 دا ‹بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى بۇخارى ۋە مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ› دېگەن)

ۋىتىر نامىزىنى پەقەت ئەڭ ئاخىرقى رەكئىتىدىلا ئولتۇرۇش شەرتى بىلەن يەتتە رەكئەت ياكى بەش رەكئەت ئوقۇشمۇ دۇرۇس. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىدە ئون ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنىڭ بەش رەكئىتىنى ۋىتىر سۈپىتىدە ئوقۇپ، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى رەكئەتتىلا تەشەھھۇدتا ئولتۇراتتى. (مۇسلىم 737) ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەتتە رەكئەت ياكى بەش رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى. (يەتتە رەكئەتلىك ياكى بەش رەكئەتلىك) بۇ ۋىتىر نامازلىرىنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەنمۇ، گەپ قىلىش بىلەنمۇ ئايرىمايتتى. (ئىبنى ماجە 1192؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇ سۇنەنى ئىبنى ماجە› 980-دە سەھىھ دېگەن)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رامزان ئېيىنىڭ بىر كېچىسى بىزگە ئىمام بولۇپ (تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغاندىن كېين ۋىتىر نامىزى) ئوقۇپ بەردى. كېيىنكى كېچىسى ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنى ساقلىدى، لېكىن رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن مەسجىدكە چىقمىدى. كېيىن مۇنداق دېدى:«ۋىتىر نامىزىنىڭ سىلەرگە پەرز قىلىنىشىدىن قورقتۇم (شۇڭا چىقمىدىم).» hedisim.com (ھەدىسنى ئىمام ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 2409؛ بۇلۇغۇلمەرام 363) وعَنْ جابِرٍ – أنَّ رَسُولَ اللَّهِ – ﷺ – قامَ فِي شَهْرِ رَمَضانَ، ثُمَّ انْتَظَرُوهُ مِنَ -[١١٠]- القابِلَةِ فَلَمّا يَخْرُجْ، وقالَ: «إنِّي خَشِيتُ أنْ يُكْتَبَ عَلَيْكُمْ الوِتْرُ». رَواهُ ابْنُ حِبّانَ.

ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

hedisim.com | فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ