ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا (ئاخىرقى تەشەھھۇددا تەشەھھۇد دۇئاسىنى ۋە سەللى بارىك دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) ((اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِن عَذَابِ القَبْرِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَسِيحِ الدَّجَّالِ، وَأَعُوذُ بكَ مِن فِتْنَةِ المَحْيَا وَالْمَمَاتِ، اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بكَ مِنَ المَأْثَمِ والْمَغْرَمِ)) «ئاللاھىم، ساڭا سېغىنىپ قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، گۇناھ قىلىشتىن ۋە قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى. (ساھابىلەردىن) بىرەيلەن «قەرزگە چۈشۈپ قېلىشتىن ھەجەپ كۆپ پاناھ تىلەيدىكەنلا» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«كىشى قەرزگە چۈشۈپ قالغاندا سۆزلىسە يالغان سۆزلەپ سالىدۇ، ۋەدە بەرسە سۆزىدە تۇرالماي قالىدۇ.» mujtehid.com (بۇخارى 883؛ مۇسلىم 589؛ مىشكات 939؛ مۇسنەد ئەھمەد 26075؛ نەسائى: سۈنەن كۇبرا 7\217؛ نەسائى: سۈنەن نەسائى 5472؛ تەبرانى: ئەلئەۋسەت 4613)
ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
hedisim.com | فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com