ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلى خۇمراندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن سۇ كەلتۈردى. ئاۋۋال قوللىرىنى ئۈچن قېتىم يۇدى. ئاندىن ئاغزىغا سۇ ئېلىپ چايقىدى. ئاندىن بۇرنىغا سۇ ئېلىپ چىقاردى. ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن ئوڭ قولىنى جەينىكىگىچە ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن سول قولىنىمۇ ئوڭ قولىغا ئوخشاش يۇدى. ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئوڭ پۇتىنى ھوشۇقىغىچە قېتىم يۇدى. ئاندىن سول پۇتىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يۇدى. ئاندىن «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مېنىڭ ئالغىنىمدەك تاھارەت ئالغىنىنى كۆردۈم» دېدى. hedisim.com (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 30-نومۇرلۇق ھەدىس)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com