ھەدىس | : بىر ئوغلۇم تۇغۇلدى، ئۇنى رەسۇلۇللاھقا ئېلىپ باردىم. ئۇنىڭغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويدى ۋە بىر خورمىنى چايناپ بالىنىڭ تامىقىغا سۈركۈدى

فىقھۇل مۇيەسسەر:
تۇغۇلغان بالىنى ئېغىزلاندۇرۇش

تۇغۇلغان بالىنى – مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن – خورما بىلەن ئېغىزلاندۇرۇش سۈننەت.

ئېغىزلاندۇرۇش: خورمىنى چايناپ  تاكى ئاشقازىنىغا خورمىنىڭ يېتىپ بارغانغا قەدەر چاينالغان خورمىنى بالىنىڭ تامىقىغا سۈركەشتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىغان مۇنۇ ھەدىستۇر. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئوغلۇم تۇغۇلدى، ئۇنى رەسۇلۇللاھقا ئېلىپ باردىم. ئۇنىڭغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويدى ۋە بىر خورمىنى چايناپ بالىنىڭ تامىقىغا سۈركۈدى. (بۇخارى 6-216؛ مۇسلىم 2145)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ