عَنْ أبِي هُرَيْرَةَ قالَ: قالَ رَسُولُ اللَّهِ – ﷺ – فِي البَحْرِ: «هُوَ الطَّهُورُ ماؤُهُ الحِلُّ مَيْتَتُهُ» أخْرَجَهُ الأرْبَعَةُ، وابْنُ أبِي شَيْبَةَ واللَّفْظُ لَهُ (١)، وصَحَّحَهُ ابْنُ خُزَيْمَةَ والتِّرْمِذِيُّ (٢).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دېڭىز توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:«ئۇنىڭ سۈيى پاكتۇر، ئۆلۈكلىرى ھالالدۇر.» hedisim.com (بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام ۋە ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ لەۋزى ئىبنى ئەبى شەيبەنىڭ. ئىبنى خۇزەيمە ۋە تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام مالىك، ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان؛ ئەبۇ داۋۇد 83؛ نەسائى 59؛ تىرمىزى 69؛ ئىبنى ماجە 386؛ مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 1392؛ ئىبنى خۇزەيمە 111؛ بۇلۇغۇلمەرام 1؛ ھاكىم مۇستەدرەك؛ سۇنەن داراقۇتني؛)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com