ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن«ئاياللارنىڭ جىھاد قىلىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟» دەپ سورىغان، رەسۇلۇللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا جاۋابەن «شۇنداق، ئۇلارغا ئۇرۇشسىز جىھاد باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ھەج ۋە ئۆمرىدۇر» دېگەن. hedisim.com (ئەھمەد 6-165؛ ئىبنى ماجە 2901؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 2362-دە سەھىھ دېگەن) شۇنداقلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دادىسى ھەج ۋە ئۆمرە قىلالمىغان، سەپەرگىمۇ چىقالمىغان ئەبۇ رەزىنگە «داداڭنىڭ ئورنىغا سەن ھەج قىل ۋە ئۆمرە قىل» دېگەن. (ئەبۇ داۋۇد 1810؛ نەسائىي 5-111؛ ئىبنى ماجە 2904؛ ئەھمەد 1-244؛ ئەلبانى سەھىھ نەسائىي 2473 تە سەھىھ دېگەن)
فىقھۇل مۇيەسسەردە «ئۆمرە كۈچى يېتىدىغان كىشى ئۈچۈن ھاياتىدا بىر قېتىم پەرزدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ «ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن ئورۇنداڭلار» (سۈرە بەقەرە 196-ئايەت) دېيىلگەن ۋە يۇقىرىقى ھەدىسلەر دەلىل قىلىنىغان.
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com