فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيلگەن:
قورقۇنچ ھالىتىدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش دۇرۇس. ساھابىلەر ئەمىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش توغرىسىدا سوئال سورىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «(نامازنى قەسىر قىلىش) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن سەدىقىسىدۇر. ئاللاھنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىڭلار» دېدى.(مۇسلىم 686) ئەسلىدىنلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئۇ زاتنىڭ خەلىپىلىرى ۋە ساھابىلىرى سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇشنى داۋام قىلغان. ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن سەپەردە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئىدىم. ئاللاھ ئۇ زاتنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە ئۇ زات سەپەردە ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمىدى. ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەنمۇ بىللە سەپەرلەردە بولدۇم، ئۇ زات دە ئاللاھ ۋاپات تاپقۇزغانغا قەدەر ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمىدى…»(مۇسلىم 689) ئاندىن، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنىمۇ بۇ قاتاردا تىلغا ئالدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ «ئاللاھ نامازنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن مۇقىم تۇرغاندا تۆت رەكئەت، سەپەر ھالىدە ئىكى رەكئەت قەسىر قىلىپ پەرز قىلدى» دېگەنلىكىمۇ بۇنىڭ دەلىلىدۇر.(مۇسلىم 687)
ھەدىسشۇناسلارنىڭ ۋە فەقىھلەرنىڭ پېشىۋاسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن نەقىل قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ئۆزىگە قارشى گۇناھ ئىشلارنىڭ قىلىنىشىنى يامان كۆرىدۇ، ئۆزى بەرگەن رۇخسەتلىرىنىڭ قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.» (ئەھمەد 5832؛ ئەلبانى ‹ئەل ئىرۋائ› 564-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com