ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ | بۇ مۇرتەد ئۆلتۈرۈلمىگۈچە ئۇلىغىمدىن چۈشمەيمەن…

مۇرتەدنىڭ دۇنيادىكى ھۆكمى ـــ ئۆلتۈرۈلۈشتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم دىنىنى (ئىسلامدىن باشقىغا) ئۆزگەرتسە ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار.» (بۇخارى 6524) بىراق، مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى، ئىسلامغا دەئۋەت قىلىنىشى، ئۇنىڭ (ئىسلامغا قايتىشى ئۈچۈن) زورلۇق كۈچ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىنىشى كېرەك. ئەگەر تەۋبە قىلسا ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن مۇرتەد بولغان يەھۇدىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىستۇر. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(بۇ يەھۇدىي ھەققىدە) ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «(بۇ مۇرتەد) ئۆلتۈرۈلمىگۈچە ئۇلىغىمدىن چۈشمەيمەن» دېگەن ۋە ئۇ مۇرتەد ئۆلتۈرۈلگەن.» (ئەبۇ داۋۇد 4355؛ ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارى 12-278 تە ئىشەنچىلىك دېگەن) 

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ