ھەدىس | «ئى رەببىم! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىل، ئۇنىڭغا رەھمىتىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن، ئۇنىڭغا ئافىيەت بەرگىن، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭرى قىلغىن…

ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر جىنازە نامىزىنى ئوقۇدى. ئۇنىڭ دۇئاسىدىن مۇنۇلارنى ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم: «ئى رەببىم! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىل، ئۇنىڭغا رەھمىتىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن، ئۇنىڭغا ئافىيەت بەرگىن، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭرى قىلغىن، ئۇنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن؛ ئاق كىيىمنى كىردىن پاكلىغىنىڭدەك، ئۇنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغىن؛ يېڭى ئۆيىنى دۇنيادىكى ئۆيىدىنمۇ بەك خەيرلىك قىلغىن، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئائىلىسىدىنمۇ خەيرلىك ئائىلە بەرگىن، ئۇنى جەننىتىڭگە كىرگۈزگىن؛ ئۇنى قەبرە پىتنىسىدىن ۋە جەھەننەمنىڭ ئوتىدىن ساقلىغىن.» mujtehid.com (مۇسلىم 963؛ بۇلۇغۇلمەرام 550)

ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

hedisim.com | فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ