نامازدا قانداق سەپ تۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلغان، «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى، سەپلەرنىڭ تۈز بولۇشى نامازنىڭ ئادا تېپىشىدۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 433)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن يەنە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«بىزدىن بىرىمىز مۈرىسىنى يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ مۈرىسىگە، پۇتىنى يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ پۇتىغا چاپلاپ تۇراتتى.» hedisim.com (بۇخارى 725)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە يۈزلىنىپ «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى، مەن سىلەرنى ئارقامدىن كۆرۈپ تۇرىمەن» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 719)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن يەنە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«بىزدىن بىرىمىز مۈرىسىنى يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ مۈرىسىگە، پۇتىنى يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ پۇتىغا چاپلاپ تۇراتتى.» hedisim.com (بۇخارى 725)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «نېمىشقا پەرىشتىلەرنىڭ رەببى ھوزۇرىدا سەپ تۈزگىنىدەك سەپ تۈزمەيسىلەر؟» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا قانداق سەپ تۈزىدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ «باشتىكى سەپلەرنى تولۇقلايدۇ ۋە سەپتە زىچ چاپلىشىپ تۇرىدۇ» دېدى. hedisim.com (مۇسلىم 430)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ نامىزى يوق.» hedisim.com (ئەھمەد 4-23؛ ئىبنى ماجە 1003؛ ئىمام ئەھمەد ھەسەن دېگەن؛ بۇسىرى ‹زاۋائىد ئىبنى ماجە› دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 822-دە ‹سەھىھ› دېگەن)

رەسۇلۇللاھ سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز ناماز ئوقۇغان بىرەيلەننى كۆرۈپ، ئۇنى نامىزىنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇدى. hedisim.com (ئەھمەد 4-228؛ ئەبۇ داۋۇد 682؛ تىرمىز 230 دا ‹ھەسەن› دېگەن؛ ئىبنى ماجە 1004؛ ئەھمەد شاكىر ‹تىرمىزى ھاشىيەلىرى› دە 1-448-450 تە ‹سەھىھ› دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇت تىرمىزى› 191-دە ‹سەھىھ› دېگەن)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەرلەرنىڭ سېپىنىڭ ياخشىسى ئالدىنقى سەپتۇر، يامىنى ئاخىرقى سەپتۇر. ئاياللارنىڭ سېپىنىڭ ياخشىسى ئاخىرقى سەپتۇر، يامىنى ئالدىنقى سەپتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 440)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىشىلەر ئەزان توۋلاشنىڭ ۋە بىرىنجى سەپتە تۇرۇشنىڭ قانداق (بۈيۈك نېئمەت) ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، بۇنى تالىشىش ئۈچۈن چەك تارتىشتىن باشقا يول تاپالمىسا، چوقۇم ئارىسىدا چەك تاشلىغان بولاتتى.» hedisim.com (مۇسلىم 437)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئالدىدا تۇرۇپ ماڭا ئەگىشىڭلار. سىلەردىن كېيىن تۇرغانلار سىلەرگە ئەگەشسۇن. بىر تۈركۈم كىشىلەر كەينىدە تۇرۇشنى داۋام قىلماقتا، ئاقىۋەتتە ئاللاھمۇ ئۇلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ قويىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 438)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاراڭلاردا بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىل ئىگىلىرى ماڭا يېقىن تۇرسۇن. ئاندىن، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر، ئاندىن ئۇلاردىن كېيىنلەر تۇرسۇن.» hedisim.com (مۇسلىم 432)

فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن:

بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ئىمامغا يېقىن تۇرۇشى مۇستەھەب. پەزىلەتلىك، ئەقىل ئىگىسى ۋە تەمكىن كىشىلەر ئىمامغا يېقىن تۇرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاراڭلاردا بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىل ئىگىلىرى ماڭا يېقىن تۇرسۇن. ئاندىن، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر، ئاندىن ئۇلاردىن كېيىنلەر تۇرسۇن.»(مۇسلىم 432)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ