پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الصيام والقرآن يشفعان للعبد يوم القيامة، يقول الصيام: أي رب إني منعته الطعام والشهوات بالنهار فشفعني فيه، ويقول القرآن: رب منعته النوم بالليل فشفعني فيه، فيشفعان))«روزا ۋە قۇرئان قىيامەت كۈنىدە مۆمىن بەندىنى شاپائەت قىلىدۇ. روزا <ئى رەببىم! مەن ئۇنى يەپ-ئىچىشتىن، كۈندۈزدىكى شەھۋەتتىن توسۇپ قويغان ئىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى شاپائەت قىلىۋالسام> دەيدۇ. قۇرئان <ئى رەببىم! ئۇنى كېچىدىكى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قويدۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى شاپائەت قىلىۋالسام> دەيدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ.» mujtehid.com | hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 5203، سەھىھ جامىئ3882؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى ئوقۇڭلار. ھەقىقەتەن قۇرئان قىيامەت كۈنى ئۆز ھەمراھى (يەنى ئۇنى ئوقۇپ ئەمەل قىلغۇچى) ئۈچۈن شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 804؛ ئەھمەد 5-249)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (خير الدواء القرآن)«شىپالىقنىڭ ئەڭ نوچىسى قۇرئاندۇر.» (ئىبنى ماجە 3533-سەھىھ)
ئەبى ئۇمامە ئەلباھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قۇرئان ئوقۇڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ قىيامەت كۈنى ئۆزىنى تىلاۋەت قىلغان كىشىلەرگە شاپائەت قىلغان ھالەتتە كېلىدۇ. بەقەرە سۈرىسى بىلەن ئال- ئىمران سۈرىسىنى ئوقۇڭلار، ھەقىقەتەن بۇ ئىككى سۈرە قىيامەت كۈنى ئىككى بۇلۇت ياكى ئىككى قانىتىنى كەرىگەن قۇشتەك كېلىدۇ ۋە ئۇ ئۆزىنى ئوقۇغان كىشىلەرنى ئاقلايدۇ. بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇڭلار، بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇش بەرىكەت، ئوقۇماي تەرك قىلىش ھەسىرەتتۇر. بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىگە (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) سېھىر تەسىر قىلمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 804-ھەدىس]. mujtehid.com | hedisim.com
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى ياد ئالغان ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ياشىغان قارىغا: قۇرئاننى خۇددى دۇنيادا چىرايلىق ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇغىنىڭدەك تەرتىل بىلەن ئوقۇ ۋە ئۆرلە. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دەرىجەڭ، سەن تىلاۋەتتىن توختىغان ئايەتكە قەدەر بولىدۇ، دېيىلىدۇ.» [شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 5-توم 281-بەت، 2240-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن]. mujtehid.com | hedisim.com
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۆمىن پۇراقلىق لىمۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى تاتلىقتۇر.قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۆمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، لېكىن تەمى تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، لېكىن تەمى ئاچچىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق ياۋا خەمەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ يوق، تەمىمى يوقتۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 5020-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 797-ھەدىس. بۇ ھەدىس يەنە مۇسنەد ئەھمەدتە ۋە تۆت كىتابتىمۇ نەقىل قىلىنغان] mujtehid.com | hedisim.com
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدى نرىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەلبىدە قۇرئان كەرىمدىن ھېچنەرسە بولمىغان كىشى خۇددى خارابە ئۆيگە ئوخشايدۇ. [تىرمىزىي رىۋايىتى2913-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن]. قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( إِنَّ الَّذِي لَيْسَ فِي جَوْفِهِ شَيْءٌ مِنَ القُرْآنِ كَالبَيْتِ الخَرِبِ ) رواه الترمذي (2913) وقال : حسن صحيح . وصححه الألباني في » صحيح الترمذي » mujtehid.com | hedisim.com
ئەبۇ مالىك ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (الْقُرْآنُ حُجَّةٌ لَكَ أَوْ عَلَيْكَ) «قۇرئان (يا) سېنىڭ پايداڭغا، ۋەياكى سېنىڭ زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر.» (مۇسلىم 223) بۇ ھەدىسنىڭ شەرھى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى ئۈچ كۈندىن ئاز مۇددەتتە تامام قىلغان كىشى ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.» (تىرمىزى 2873؛ ئەبۇ داۋۇد 1182؛ ئىمام ئەھمەد 6546)
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى جۇنۇبلۇقتىن باشقا ھېچنەرسە قۇرئان ئوقۇشتىن توسۇپ قويمايتتى.» hedisim.com (ئەھمەد 1014؛ ئىبنى ماجە 594؛ تىرمىزى 146-دە ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن؛ ھاكىمدا مۇستەدرەك 4-107-دە سەھىھ دېگەن؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى ‹تەلخىسۇل خەبىر 1-139- دا› ئىبنۇس سەكەن، ئابدۇلھەق، بەغەۋىي قاتارلىقلارنىڭ ‹سەھىھ› دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان، شۇئبەنىڭ بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەنلىكىنى بايان قىلغان)
جۇنۇبنىڭ قۇرئاننى قولى بىلەن تۇتۇشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا:«ئۇنى پەقەت پاك بولغۇچى تۇتىدۇ» دېگەن.(سۈرە ۋاقىئە 79-ئايەت) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى پەقەت پاك كىشىلا تۇتىدۇ.» (مالىك 468؛ ھاكىم-مۇستەدرەك-3-485؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 122-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن:
جۇنۇبنىڭ قۇرئان ئوقۇشى دۇرۇس ئەمەس. جۇنۇب غۇسل قىلغانغا قەدەر قۇرئاندىن ھېچنېمىنى ئوقۇماسلىقى كېرەك. چۈنكى، بىر ھەدىستە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى جۇنۇبلۇقتىن باشقا ھېچنەرسە قۇرئان ئوقۇشتىن توسۇپ قويمايتتى.»(ئەھمەد 1014؛ ئىبنى ماجە 594؛ تىرمىزى 146-دە ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن؛ ھاكىمدا مۇستەدرەك 4-107-دە سەھىھ دېگەن؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى ‹تەلخىسۇل خەبىر 1-139- دا› ئىبنۇس سەكەن، ئابدۇلھەق، بەغەۋىي قاتارلىقلارنىڭ ‹سەھىھ› دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان، شۇئبەنىڭ بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەنلىكىنى بايان قىلغان) شۇنداقلا، جۇنۇپ كىشىنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، بىر ئاز ئاۋۋال غۇسل قىلىپ قۇرئان ئوقۇش چەكلىمىسىنى كەتكۈزۈۋېتىشى ئۈچۈن تەشۋىقتۇر.
جۇنۇپ بولغان كىشىنىڭ يەنە:
(4) ناماز ئوقۇشى
(5) كەئبىنى تاۋاپ قىلىشى ھارام.
بۇ ئىككى خۇسۇسقا دائىر ھۆكۈملەر تاھارەت مەسىلىسدە، تاھارەتنى لازىم قىلىدىغان ئەھۋاللار قاتارىدا بايان قىلىنغان ئىدى.
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com