ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىيىمىدىكى مەنىينى يۇياتتى، ئاندىن شۇ كىيىمى بىلەن نامازغا چىقاتتى. مەن كىيىمىدىكى يۇيۇلغان ئىزنى كۆرەتتىم.» hedisim.com (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ بۇلۇغۇلمەرام 25)
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتى مۇنداق:
«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنىينى ياخشى ئۇۋىلايتتىم. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇ كىيىمى بىلەنلا ناماز قىلاتتى.»
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«كىيىمىدىكى مەنىي قۇرۇق بولسا، مەنىينى تىرنىقىم بىلەن تاتىلاپ چىقىرىۋېتەتتىم.»
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com