سەھىھۇل بۇخارى: جىنازىدىكى مېيىتنىڭ «مېنى تېزراق ئېلىپ مېڭىڭلار» دەيدىغانلىقى بابى
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «إذا وُضِعَتِ الجِنازَةُ، فاحْتَمَلَها الرِّجالُ عَلى أعْناقِهِمْ، فَإنْ كانَتْ صالِحَةً قالَتْ: قَدِّمُونِي، وإنْ كانَتْ غَيْرَ صالِحَةٍ قالَتْ لِأهْلِها: يا ويْلَها أيْنَ يَذْهَبُونَ بِها، يَسْمَعُ صَوْتَها كُلُّ شَيْءٍ إلّا الإنْسانَ، ولَوْ سَمِعَ الإنْسانُ لَصَعِقَ» «جىنازە ھازىر بولۇپ، ئەرلەر ئۇنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ توشۇغىنىدا، ئەگەر ۋاپات بولغۇچى سالىھ (سالىھە) بىرى بولسا <مېنى تېزراق ئېلىپ مېڭىڭلار> دەيدۇ. ئەگەر ۋاپات تاپقۇچى سالىھ (سالىھە) بىرى بولمىسا، ئائىلىسىدىكىلەرگە <ۋاي مېنىڭ ھالىمغا! مېنى قەيەرگە ئېلىپ مېڭىۋاتىسىلەر> دەيدۇ. ۋاپات تاپقۇچىنىڭ جىنازىدىكى بۇ ئاۋازىنى ئىنسانلاردىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات ئاڭلايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ئاڭلىغان بولسا، ھوشىدىن كەتكەن بولاتتى.» mujtehid.com (سەھىھۇل بۇخارى 1316؛ رىيازۇس سالىھىن 942؛ مىشكات مەسابىھ 1647)
ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
hedisim.com | فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com