ھەدىس | «سۇ پاكتۇر. ئۇنى ھېچنەرسە نىجىس قىلالمايدۇ»

ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۇ پاكتۇر. ئۇنى ھېچنەرسە نىجىس قىلالمايدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئۈچ ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەھمەد سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 2) وعَنْ أبِي سَعِيدٍ الخُدْرِيِّ –  – قالَ: قالَ رَسُولُ اللَّهِ – ﷺ: «إنَّ الماءَ طَهُورٌ لاَ يُنَجِّسُهُ شَيْءٌ». أخْرَجَهُ الثَّلاثَةُ (١) -[٦]- وصَحَّحَهُ أحْمَدُ. 

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەيمۇنە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) دىن ئاشقان سۇدا يۇيۇندى.» hedisim.com بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. وعَنِ ابْنِ عَبّاسٍ : أنَّ النَّبِيَّ – ﷺ – كانَ يَغْتَسِلُ بِفَضْلِ مَيْمُونَةَ -[٨]- . أخْرَجَهُ مُسْلِمٌ. صحيح. رواه مسلم (٣٢٣)

 سۇنەن مۇئەللىپلىرى مۇنداق نەقىل قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى چوڭ بىر چىلەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇندى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چېلەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنۇش ئۈچۈن كەلگىنىدە، ئايالى ‹مەن جۇنۇب ئىدىم› دېدى. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹سۇ جۇنۇب بولمايدۇ› دېدى.» hedisim.com تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن. ولِأصْحابِ السُّنَنِ: اغْتَسَلَ بَعْضُ أزْواجِ النَّبِيِّ – ﷺ – فِي جَفْنَةٍ، فَجاءَ لِيَغْتَسِلَ مِنها، فَقالَتْ لَهُ: إنِّي كُنْتُ جُنُبًا؟ فَقالَ: «إنَّ الماءَ لا يُجْنِبُ». وصَحَّحَهُ التِّرْمِذِيُّ، وابْنُ خُزَيْمَةَ.  صحيح. رواه أبو داود (٦٨)، والترمذي (٦٥)، وابن ماجه (٣٧٠) من طريق سماك بن حرب، عن عكرمة، عن ابن عباس، قال: … الحديث. قال الترمذي: «هذا حديث حسن صحيح». قلت: وهو كذلك وإن كان من رواية سماك، عن عكرمة، وهي معلولة. «تنبيه»: وهم الحافظ في عزوة لأصحاب «السنن» إذ لم يخرجه النسائي، وأيضا تصحيح ابن خزيمة لغير هذا اللفظ.

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ