ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «قايسى ئەمەل ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر؟» دەپ سورىۋىدىم «ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 5970؛ مۇسلىم 85)
مەشھۇر ساھابە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەنلىك بىرەيلەننىڭ «مەن ئانام ئۈچۈن خار تۆگىمەن، باشقا ئۇلاغلار ئۈركىسىمۇ، مەن ئۈركىمەيمەن» دېگىنىچە، ئانىسىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ھېلىقى يەمەنلىك كىشى: «ئى ئىبنى ئۆمەر، سېنىڭچە، مەن ئانامنىڭ ھەققىنى ئادا قىلدىممۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ياق، ھەتتا (ئاناڭ سېنى تۇغۇش ئۈچۈن تارتقان) بىر قېتىملىق تولغاق ئازابىنىڭ ھەققىنىمۇ ئادا قىلالمىدىڭ.» hedisim.com (ئىمام بۇخارى — ئەدەب ئەلمۇفرەد)
بەھىز ئىبنى ھەكىم چوڭ دادىسىدىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: مەن رەسۇلۇللاھتىن «ئى رەسۇلۇللاھ! ياخشىلىق قىلىشىمغا كىم ئەڭ ھەقلىق؟» دەپ سورىۋىدىم «ئاناڭ» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ئاناڭ» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ئاناڭ» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ئاندىن داداڭ، ئاندىن يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭ» دېدى. hedisim.com (بۇخارى – ئەدەب ئەلمۇفرەد 3)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى دادىنىڭ رازىلىقىغا، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى دادىنىڭ غەزىپىگە باغلىق.» hedisim.com (تىرمىزى 1899 – ھەدىس، ئىبنى ماجە 3663، سەھىھ)
بۇنىڭغا ئالاقىدار يەنە بىر ھەدىستە «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىغا، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئاتا-ئانىنىڭ غەزىپىگە باغلىق» دېيىلگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: «دادا جەننەت ئىشىكلىرىدىن ئوتتۇرا ئىشىكتۇر. بۇنداق ئىكەن، خالىساڭ بۇ ئىشىكنى مۇھاپىزەت قىل، خالىساڭ ئۇنى زايە قىل.» hedisim.com (تىرمىزى 1900؛ ئىبنى ماجە 3663، ئەبۇ دەردادىن)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بالا ئاتىنىڭ ھەققىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت ئاتسىنى قۇل ھالىتىدە تېپىپ، ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئۇنىڭ ھەققىنى قايتۇرغان بولىدۇ» دېگەن. hedisim.com (سەھىھ مۇسلىم 1510 – ھەدىس)
ئىمام بۇخارى ئەدەب ئەلمۇفرەد ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ھۇمەيدى ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېدى: بىزگە سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېدى: بىزگە ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ماڭا زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام مۇنۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى: ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى (زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ ئايالى) ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە مېنىڭ (ئىسلامغا كىرمىگەن مۇشرىك ئانام) مەندىن ياخشىلىق ئۈمىد قىلىپ يېنىمغا كەلگەن ئىدى. مەن رەسۇلۇللاھتىن «ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلسام بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدىم، رەسۇلۇللاھ «بولىدۇ» دېدى. ھەدىسنى نەقىل قىلغۇچىلاردىن بىرى بولغان سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە مۇشۇلارنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاللاھ مۇشۇ ئىشتىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان:«ئاللاھ سىلەرنى دىن جەھەتتە سىلەرگە قارشى ئۇرۇشمىغان (كاپىر)لارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن توسمايدۇ.» (سۈرە مۇمتەھىنە، 6-ئايەت) hedisim.com (بۇخارى-ئەدەب ئەلمۇفرەد 25)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خار بولۇپ كەتسۇن، خار بولۇپ كەتسۇن، خار بولۇپ كەتسۇن» دېۋىدى، ساھابىلەر: «كىم خار بولۇپ كەتسۇن؟ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!» دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاتا – ئانىسىنىڭ بىرىنى ياكى ئىككىلىسىنى ھايات چېغىدا تېپىپمۇ، (ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش بىلەن ئۇلارنى رازى قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك) جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خار بولۇپ كەتسۇن» دېدى. hedisim.com (سەھىھۇل مۇسلىم 4627 – ھەدىس)
ىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم نەقىل قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم «سىلەرگە گۇناھى كەبىرلەرنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن خەۋەر بەرمەيمۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلەر: «شۇنداق قىلسىلا، ئى رەسۇلۇللاھ!» دېيىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «(گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى) ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا – ئانىغا بويۇنتاۋلىق قىلىش» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 2654؛ مۇسلىم 87)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«ئاتا-ئانىنى قاقشاتقۇچى، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى، ھاراق-شاراپقا مۇپتىلا بولغۇچى ۋە سېھىر-ئەپسۇنغا ئىشەنگۈچى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» hedisim.com (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 6892؛ سۇنەد دارىمى 2139؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3384، سەھىھ ھەدىس)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ. تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچىمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ.» hedisim.com (مۇسنەد ئەبۇ داۋۇد تەيالىسى 1227؛ ئىبنى ئەبى ئاسىم «سۈننەت» 323؛ مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 27484؛ مۇسنەد بەززار 4106)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، ئۇنى قاقشاتقۇچىغا لەنەت قىلدى.» hedisim.com (مۇسلىم 1978؛ ھاكىم – مۇستەدرەك 7254)
تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمر ئىبنى جۇھەنىدىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: بىرەيلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇسام، رامزان روزىسىنى تۇتسام، زاكاتنى بەرسەم، بەيتۇللاھنى ھەج قىلسام (بۇنىڭ مۇكاپاتى) قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بۇنداق قىلغان كىشى ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، ئۇنى قاقشاتقۇچىلاردىن بولمىغانلا تەقدىردە، (قىيامەت كۈنى جەننەتتە) سىددىقلار ۋە شەھىدلەر بىلەن بىللە بولىدۇ» دېدى. hedisim.com (مۇسنەد ئەھمەد 39\523؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3438)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
چۆلدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بىرى كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! چوڭ گۇناھلار قايسىلار؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «ئاللاھقا شېرىك قوشۇش» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدى «ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دېۋىدى «يالغاندىن قەسەم ئىچىش» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 6920)
ئەتا ئىبنى يەسار مۇنداق دەيدۇ: بىرەيلەن ئىبنى ئابباسنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دەپ پەتىۋا سورىدى: مەن بىر ئايالغا توي تەكلىپى قويغان ئىدىم، بىراق مېنى رەت قىلدى. كېيىن، مەندىن باشقا بىرەيلەن ئۇنىڭغا توي تەلىپى قويغان ئىدى، ئۇ ئايال ئۇنى قوبۇل قىلىپ، نىكاھىغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن، مەن (غەزەپلەنگەنلىكىم سەۋەبلىك) ئۇ ئايالنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. ئەمدىلىكتە مېنىڭ تەۋبە قىلىشىمغا يول بارمۇ؟» ئىبنى ئابباس ئۇنىڭدىن «ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى «ياق» دېدى. ئىبنى ئابباس «ئاللاھقا تەۋبە قىلغىن، قولۇڭدىن كېلىشىچە (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشقىن» دېدى. ئۇ كىشى كەتكەندىن كېيىن، ئىبنى ئابباستىن «نېمىشقا ئۇنىڭدىن ئاناڭ ھاياتمۇ دەپ سورايلا؟» دېۋىدىم، ئىبنى ئابباس «چۈنكى مەن كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشتا، ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان باشقا ئەمەلنى بىلمەيمەن» دېدى. hedisim.com (بۇخارى — ئەدەب ئەلمۇفرەد 4)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ، جىھاد قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن «ئاتا-ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ كىشى «ھايات» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «ئاتا-ئاناڭنىڭ (خىزمىتىدە بولۇش ئارقىلىق) جىھاد قىلغىن» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 4\18)
باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: بىر كىشى كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن سىلى بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ يانلىرىغا كەلدىم، ئاتا-ئانام يىغلىغان ھالدا قېلىپ قالدى» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا:«ئۇلارنى يىغلاتقىنىڭدەك، قايتىپ بېرىپ ئۇلارنى كۈلدۈرگىن» دېدى.
مۇئاۋىيە ئىبنى جاھىمە ئەسسۇلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: (دادام) جاھىمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قېشىغا بېرىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن جىھادقا چىقماقچى بولىۋاتىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتە سىلىدىن مەسلىھەت ئالغىلى كەلدىم» دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن «ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ «ھەئە» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ «ئۇنداقتا ئاناڭنىڭ يېنىدا قالغىن، جەننەت ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاستىدىدۇر» دېدى. hedisim.com (مۇسنەد ئەھمەد 3\429؛ نەسائى 11\6، سەھىھ)
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىرەيلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە يەمەندىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن «يەمەندە تۇغقىنىڭ بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى «ئاتا-ئانام بار» دېدى. رەسۇلۇللاھ «كېلىشىڭگە رۇخسەت قىلغانمىتى؟» دەپ سورىۋىدى، «ياق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا «ئاتا-ئاناڭنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئال. ئەگەر ساڭا رۇخسەت قىلسا (كېلىپ مەن بىلەن) جىھاد قىل، رۇخسەت قىلمىسا ئۇ ئىككىسىنىڭ خىزمىتىنى قىل» دېدى. hedisim.com (ئەھمەد 3\75؛ ئەبۇ داۋۇد 3\39، سەھىھ)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆز قىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە رەسۇلۇللاھقا فاتىمەدىنمۇ بەكراق ئوخشايدىغان باشقا بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم. فاتىمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆيىگە كەلسە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنى قارشى ئالاتتى، فاتىمەنى سۆيەتتى ۋە ئۇنى ئۆزى ئولتۇرىدىغان جايدا ئولتۇرغۇزاتتى. رەسۇلۇللاھ فاتىمەنىڭ ئۆيىگە بارسا فاتىمە رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ئورنىدىن تۇراتتى، رەسۇلۇللاھنى سۆيەتتى ۋە ئۆز جايىدا ئولتۇرغۇزاتتى.» hedisim.com (بۇخارى – ئەدەب ئەلمۇفرەد 971)
ھىشام ئىبنى ئۇرۋە دادىسىدىن مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئەبۇ ھۇرەيرە ئىككى ئەر كىشىنى ئۇچراتتى. ئۇلارنىڭ بىرىدىن «بۇ يېنىڭدىكى كىم؟» دەپ سورىۋىدى «دادام» دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇنىڭغا كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق دېدى:«داداڭنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرما، ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭما، ئۇ ئولتۇرۇشتىن ئاۋۋال ئولتۇرما.» hedisim.com (بۇخارى – ئەدەب ئەلمۇفرەد)
مەشھۇر ساھابە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەنلىك بىرەيلەننىڭ «مەن ئانام ئۈچۈن خار تۆگىمەن، باشقا ئۇلاغلار ئۈركىسىمۇ، مەن ئۈركىمەيمەن» دېگىنىچە، ئاپىسىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ھېلىقى يەمەنلىك كىشى: «ئى ئىبنى ئۆمەر، سېنىڭچە، مەن ئانامنىڭ ھەققىمنى ئادا قىلدىممۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ياق، ھەتتا (ئاناڭ سېنى تۇغۇش ئۈچۈن تارتقان) بىر قېتىملىق تولغاق ئازابىنىڭ ھەققىنىمۇ ئادا قىلالمىدىڭ.» hedisim.com (ئىمام بۇخارى — ئەدەب ئەلمۇفرەد]
ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن ئۈچ كىشى ماڭە-ماڭە كەچ كىرىپ قېلىپ، بىر غارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدۇ. بۇ چاغدا بىر قورام تاش يۇقىرىدىن دومىلاپ چۈشۈپ، غارنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ تاشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن: ‹ئۆزئارا ھاياتىمىزدا ئىشلىگەن ئەڭ ئەۋزەل ئەمەلىمىزنى تىلغا ئېلىپ، ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرايلى› دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى: ‹ئى ئاللاھ! مېنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانام بار ئىدى. مەن ھەمىشە ئالدى بىلەن ئاتا-ئانامنى غىزالاندۇرۇپ، ئاندىن ئەھلى-ئايالىم ۋە خىزمەتچىلىرىمنى غىزالاندۇراتتىم. بىر كۈنى مەن ماللىرىمنى ئوتلىتىش ئۈچۈن يىراق جايلارغا كېتىپ كەچرەك قايتىپ كەلدىم. ماللىرىمنى سېغىپ، سۈتىنى ئېلىپ كەلسەم، ئاتا-ئانام ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇلارنى ئويغىتىشنى ۋە ئۇلاردىن بۇرۇن ئەھلى-ئايالىم ۋە خىزمەتچىلىرىمنى غىزالاندۇرۇشنى خوپ كۆرمەي، تاڭ ئاتقانغا قەدەر سۈت بار قاچىنى قولۇمدا تۇتقان ھالەتتە ئاتا-ئانامنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتتۈم. كىچىك بالىلىرىم قورسىقى ئاچ ھالدا ئايىغىمدا يىغلاپ تۇرۇشاتتى. ئاتا-ئانام ئويغىنىپ كەچلىك تامىقى بولغان سۈتنى ئىچىشتى. ئى ئاللاھ! مۇشۇ ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلغانلىقىمنى بىلگەن بولساڭ، بۇ تاشنى كۆتۈرۈۋەتكىن›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن قورام تاش بىر ئاز كۆتۈرۈلدى…» hedisim.com (بۇخارى 3465؛ مۇسلىم 2743؛ رىيازۇس سالىھىن 12)
مەشھۇر ئىسلام ئالىمى قازى ئىياز «ھارام ئىشلارغا چېتىلمىغانلا تەقدىردە، ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىش پەرزدۇر» دېگەن. («غىزائۇل ئەلباب» 1 – جىلىد 382 – بەت)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com