ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى زەيد دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئىچىدە سۇ بار بىر ئىدىشى بار ئىدى. كېچىسى ئاللاھ تەقدىر قىلغان مىقداردا ناماز ئوقۇپ، ئاندىن ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاتتى. قۇشتەق يېنىك ئۇخلىۋېتىپ، ئاندىن قوپۇپ (ھېلىقى ئىدىشتىن سۇ ئېلىپ) تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيتتى. ئاندىن قايتا تۆشىكىدە ياتاتتى. قۇشتەك يېنىك ئۇخلاپ ئويغىناتتى، ئاندىن چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيتتى. ئۇ بۇنى بىر كېچىدە تۆت-بەش قېتىم تەكرارلايتتى. hedisim.com (ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارە: زۇھد 975)— فۇرقان دەۋەت مەركىزى