ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ۋەكىي ئىسمائىلدىن، ئىسمائىل قەيستىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: (رَأيْتُ يَدَ طَلْحَةَ بْنِ عُبَيْدِ اللَّهِ شَلّاءَ، وقى بِها النَّبِيَّ ﷺ يَوْمَ أُحُدٍ) مەن تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چولاق ھالەتتە كۆردۈم. تەلھە ئۇھۇد كۈنى شۇ قولى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى قوغدىغان ئىدى. (نەتىجىدە قولى چولاق بولۇپ قالغان ئىدى.) hedisim.com (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ئىمام ئىبنى شەيبەدىن نەقىل قىلغان: سەھىھ بۇخارى 4063؛ ئىبنى ھىببان 6981؛ ئىبنى ماجە 128؛ ئەھمەد 1\161؛ ئىبنى ئەبى شەيبە 32819)
تابىئىن ئىمام ئەمر ئىبنى شەئبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: (أنَّ طَلْحَةَ وقى رَسُولَ اللَّهِ ﷺ، بِيَدِهِ فَضُرِبَتْ فَشَلَّتْ إصْبَعُهُ) تەلھە ئوھۇد كۈنى قولى بىلەن رەسۇلۇللاھنى قوغدىدى. نەتىجىدە بارمىقى چولاق بولدى. hedisim.com (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە: 32824)
-فۇرقان دەۋەت مەركىزى