ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: لأن يمتلئ جوف أحدكم قيحا يريه خير له من أن يمتلئ شعرا «كىشىنىڭ ئىچىنىڭ يىرىڭ بىلەن تولۇشى شېئىر بىلەن تولغىنىدىن ياخشىراقتۇر.» hedisim.com(بۇخارى 6155) [شەرھى: فەتھۇلبارى 12\243] لان يمتلى جوف رجل قيخا يريە
* سەھىھ بۇخارىنى شەرھ قىلغان ئالىملار بۇ ھەدىسنى «كىشى شېئىر بىلەن شۇغۇللىنىپ، شېئىرغا باغلىنىپ قالىدىغان، قۇرئان تىلاۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن، ئۇنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىنىشتىن ۋە ئەمەل قىلىشتىن، ھەدىس شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر دىنىي بىلىملەرنى ۋە پايدىلىق دۇنياۋى بىلىملەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن سۇسلىشىپ قالسا، يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە چۈشۈپ قالىدۇ» دەپ شەرھلىگەن. [فەتھۇلبارىغا قاراڭ]