ھەدىس | قۇرەيىش مۇشرىكلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئەزىيەت بېرىشى

ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ (كەبىنىڭ ئالدىدا) ناماز ئوقۇۋاتاتتى. ئەتراپىدا باشقا كىشىلەر بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ نامازنىڭ سەجدىسىگە بارغاندا ئۇقبە ئىبنى ئەبى مۇئەيت دېگەن كاپىر تۇغقان تۆگىنىڭ ھەمرىيىنى رەسۇلۇللاھنىڭ دۈمبىسىگە قويۇپ قويدى. رەسۇلۇللاھ بېشىنى سەجدىدىن مىدراتمىدى. (رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى) فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كېلىپ تۆگىنىڭ ھەمرىيىنى رەسۇلۇللاھنىڭ دۈمبىسىدىن ئېلىۋەتتى ۋە بۇنى قىلغۇچىغا بەددۇئا قىلدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئى رەببىم! قۇرەيشنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى — ئەبۇ جەھل ئىبنى ھىشامنى، ئۇتبە ئىبنى رەبىئەنى، شەيبە ئىبنى رەبىئەنى ۋە ئۇممەييە ئىبنى خەلەفنى \ ياكى ئۇبەي ئىبنى خەلەفنى ساڭا ھاۋالە قىلىمەن» دەپ دۇئا قىلدى. (ساھابە ئابدۇللاھ داۋاملاشتۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ:) بەدر كۈنى رەسۇلۇللاھ بەددۇئا قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆدۈم. ئۇبەي ئىبنى خەلەف \ ياكى ئۇبەي ئىبنى خەلەپتىن باشقا ھەممىسىنىڭ جەسىدى قۇدۇققا تاشلانغان ئىدى. ئۇبەي ئىبنى خەلەفنىڭ \ ياكى ئۇبەي ئىبنى خەلەپنىڭ  بەدەنلىرى تىتما كاتاڭ بولۇپ كەتكەنلىكتىن قۇدۇققا تاشلانمىدى. (بۇخارى 3857) — فۇرقان دەۋەت مەركىزى 

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ