ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىلىم كۆتۈرلۈپ كەتمىگۈچە، يەر تەۋرەش كۆپەيمىگۈچە، ۋاقىت تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان بولمىغۇچە، پىتنىلەر يېيىلمىغۇچە (يەنى ئاللاھ ۋە رەسۇلى چەكلىگەن ھاراملارنى قىلىش ئومۇملاشمىغۇچە)، ئۆلتۈرۈلۈش كۆپەيمىگۈچە ۋە ئاراڭلاردا پۇل مال جىقايمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ.» hedimsim.com (سەھىھۇل بۇخارى 1036-نومۇرلۇق ھەدىس) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: لاَ تَقُومُ السَّاعَةُ حَتَّى يُقْبَضَ الْعِلْمُ، وَتَكْثُرَ الزَّلاَزِلُ، وَيَتَقَارَبَ الزَّمَانُ، وَتَظْهَرَ الْفِتَنُ، وَيَكْثُرَ الْهَرْجُ ـ وَهْوَ الْقَتْلُ الْقَتْلُ ـ حَتَّى يَكْثُرَ فِيكُمُ الْمَالُ فَيَفِيضُ «.— فۇرقان دەۋەت مەركىزى