ھامىلدار ئايال ياكى بالا ئېمتىۋاتقان ئايال روزا تۇتامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى


ھامىلدار ئايال ياكى بالا ئېمتىۋاتقان ئايال روزا تۇتامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز


ئەللامە ئىبنى باز بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغان مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: ھامىلدار ئايال بىلەن بالا ئەمدۈرۈۋاتقان ئايالنىڭ روزا جەھەتتىكى ھۆكمى كېسەلنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇنداق ئاياللارغا روزا تۇتۇشتا مۇشەققەت بولسا، روزا تۇتماسلىقىغا شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان. بۇنداق ئاياللار كېسەلگە ئوخشاش قۇدرىتى يەتكەن چاغدا تۇتالمىغان روزىسىنى قازاسىنى قىلىدۇ. ئەھلى ئىلىمدىن بەزىسى بۇنداق ئاياللارنىڭ تۇتالمىغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن مىسكىنگە تاماق بېرىشى يېتەرلىك (قازاسىنى قىلمايدۇ) دەپ قارىغان. ئەمما، بۇ ئاجىز قاراشتۇر. توغرىسى، بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ مۇساپىر ۋە كېسەلگە ئوخشاش تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:{فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ} «سىلەردىن كىم كېسەل بولۇپ قالغان، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولغان بولسا، تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈندە تۇتسۇن.» (بەقەرە سۈرىسى، 184-ئايەت) بۇنىڭغا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ دەلىل بولىدۇ، ئۇ دەيدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ((إنَّ اللهَ وضع عن المسافرِ شطرَ الصلاةِ والصومَ عن المسافرِ وعن المرضعِ والحُبلَى))«ئاللاھ تائالا مۇساپىردىن نامازنىڭ يېرىمىنى ۋە روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى، شۇنداقلا بالا ئەمدۈرىدىغان ئايالدىن ۋە ھامىلدار ئايالدىن روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى.»  hedisim.com [(ئىبنى ھەجەر — تەخرىج مىشكات مەسابىھ 2\333؛ ئەلبانىي — تەخرىج مىشكات مەسابىھ 1967، سەھىھ) مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىس يەنە (سەھىھ ئىبنى ماجە 1361؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 2408؛ ۋادىئى—سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 74) قاتارلىقلارمۇ ئۆز كىتابلىرىدا نەقىل قىلغان ۋە بۇ ھەدىسنى تەكشۈرگەن ئەلبانىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)] (مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز 15/ 224)

ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسائىي، ئىبنى ماجە قاتارلىق بەش مۇھەددىس ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:((إنَّ اللهَ وضع عن المسافرِ شطرَ الصلاةِ والصومَ عن المسافرِ وعن المرضعِ والحُبلَى))«ئاللاھ تائالا مۇساپىردىن نامازنىڭ يېرىمىنى ۋە روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى، شۇنداقلا بالا ئەمدۈرىدىغان ئايالدىن ۋە ھامىلدار ئايالدىن روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى.» hedisim.com [(ئىبنى ھەجەر — تەخرىج مىشكات مەسابىھ 2\333؛ ئەلبانىي — تەخرىج مىشكات مەسابىھ 1967، سەھىھ) مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىس يەنە (سەھىھ ئىبنى ماجە 1361؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 2408؛ ۋادىئى—سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 74) قاتارلىقلارمۇ ئۆز كىتابلىرىدا نەقىل قىلغان ۋە بۇ ھەدىسنى تەكشۈرگەن ئەلبانىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)]

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: {وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ}تەرجىمىسى: روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم دېگەن ئايىتىنى چۇشەندۇرۇپ «گەرچە روزا تۇتۇشقا قادىر بولالىسىمۇ ياشانغان بوۋاي-مومايلارغا روزا تۇتماستىن ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىنگە تويغۇدەك يېمەك بېرىشكە رۇخسەت قىلىنغان. بالا ئېمىتكۈچى ياكى ھامىلدار ئايال بالىنىڭ ياكى تۆرەلمىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە، ئۇلارغىمۇ روزا تۇتماي ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىشكە رۇخسەت قېلىنغان.»hedisim.com [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى2317-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى «ئىرۋائۇل غەلىل» ناملىق ئەسەردە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ