ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىككى ئىشتىن بىرىنى قىلىش جەھەتتە ئىختىيارلىق بېرىلسە، گۇناھ بولمىغانلىكى تەقدىردە ئىككى ئىشنىڭ ئاسان بولغىنىنى تاللايتتى. ئەگەر گۇناھلىق ئىش بولسا، ئۇنىڭدىن ھەممەيلەندىن بەك ئۇزاق تۇراتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىرەر ئىشتا ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايتتى. بىراق، ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىنغىنىدا، ئاللاھ ئۈچۈن ئىنتقام ئالاتتى. (يەنى جازاغا لايىق ئىشقا كېرەكلىك جازانى بېرەتتى.)» hedisim.com (مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس؛ بۇخارى 3296، مۇسلىم 2327؛ ئەبۇ داۋۇد 4767 رىيازۇس سالىھىن 641؛ مۇۋەتتا مالىك) عن عائشة رضي الله عنها قالت: ما خير رسول الله صلى الله عليه وسلم بين أمرين قط إلا أخذ أيسرهما، ما لم يكن إثماً، فإن كان إثماً، كان أبعد الناس منه، وما انتقم رسول الله صلى الله عليه وسلم لنفسه في شئ قط، إلا أن تنتهك حرمة الله، فينتقم لله تعالى. ((متفق عليه))