ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن مەسجىد سۇپىسىنى ماكان تۇتۇپ ياشىغان ساھابىلەردىن يەتمىش ساھابىنى كۆردۈم. ھېچبىرىنىڭ ئۇچىسىدا بەدىنىنى تولۇق ئورايدىغان كىيىمى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ پەقەتلا يا بەدىنىنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان كىيىمى بار ئىدى، يا ئاستىغا كىيدىغان كىيىمى بار ئىدى. ئۇلار كىيىملىرىنى بوينىغا چىگىۋالاتتى. بەزىلىرىنىڭ كىيىمى پاچىقىغىچە كېلەتتى، بەزىلىرىنىڭ ھوشۇقىغىچە كېلەتتى. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنىڭ كۆرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىيىمىنى قوللىرى بىلەن پوملاپ تۇتۇۋالاتتى. hedisim.com (بۇخارى 442؛ رىيازۇس سالىھىن 469) لَقَدْ رَأيْتُ سَبعِينَ مِنْ أهْلِ الصُّفَّةِ ، مَا منهُمْ رَجُلٌ عَلَيْهِ رِدَاءٌ : إمَّا إزارٌ ، وَإمَّا كِسَاءٌ ، قَدْ رَبَطُوا في أعنَاقِهِمْ ، فَمِنْهَا مَا يَبْلُغُ نِصْفَ السَّاقَيْن ، وَمِنْهَا مَا يَبْلُغُ الكَعْبَيْنِ ، فَيَجْمَعُهُ بِيَدِهِ كَراهِيَةَ أنْ تُرَى عَوْرَتُهُ . رواه البخاري .